ماۋ جياۋيەن
«كېلىڭ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقى يەڭ!» بىر كۈنى، قىزغىن خىزمەتدىشىم بىر بولاق قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقىنى ماڭا سۇندى. قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقى مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكىم ئىدى.
زىرىنىڭ خۇش ھىدى پۇراپ تۇرغان بۇ قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقىنى چايناپ، چىشلىرىمدا تاتلىقى قالدى، خىياللىرىممۇ ئىختىيارسىز كىچىك ۋاقتىمدا بوۋام بەرگەن «يەتتە پارچە قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقى»غا قايتىپ كەتتى.
مەن 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىمدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. ياخشى كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن، يۇرتداشلار كۈن بويى ئېتىز بېشىدا ئالدىراش بولاتتى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم پەسلىدە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، بوۋام دائىم ئېتىز بىلەن ئۆينىڭ ئارىسىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرەتتى. ئاشۇ يىلى كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە، بوۋام ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىنلا ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەيتتى، چۈشتە ئۆيگە قايتىپ تاماق يەيتتى، ئازراق ئارام ئېلىۋېلىپلا يەنە ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەيتتى، كۈن ئولتۇرغاندا ئاندىن قايتىپ كېلەتتى.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئۆيدىكى چوڭلار دېھقانچىلىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغاندا، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئۆزۈم ئۆيگە قايتاتتىم. بىر قېتىم مەن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئۆيدىكى چوڭلار ئېتىزدا زىرائەت يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ تالادا قالدىم. چوڭلارمۇ كېلەي دەپ قالغاندۇ، دەپ ئويلاپ، ئۈمىدكە تولغان ھالدا ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم، ئېتىز تەرەپكە پات- پات قاراپ قوياتتىم. مەن يەردىكى دەرەخ سايىسىنىڭ ئاستا ئاستا «يۆتكىلىپ» خېلى ئۇزارغانلىقىنى كۆرۈپ، چۈشتىن كېيىنكى مەكتەپكە بېرىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئامالسىز قەدەمدە بىر كەينىمگە ئۆرۈلۈپ مەكتەپكە ماڭدىم.
چۈشتىن كېيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرستىن چۈشەي دېگەندە، مەن بوۋامنىڭ دەرسخانىنىڭ سىرتىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن، بوۋام نەچچە قەدەم مېڭىپ سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «نىنى، تېز كېلىڭ، قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتكەندۇ!» دېدى. مەنمۇ ئېتىلىپ باردىم. بوۋام كۈلۈمسىرىگەن ھالدا دەرھال يانچۇقىدىن كۆك رەڭلىك قولياغلىقىنى چىقاردى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقىنىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلدى. مەن قولياغلىقنى ئاچتىم، سارغىيىپ پىشقان موما يالپىقى بار ئىدى، جەمئىي يەتتە پارچە بولۇپ، قولياغلىققا چىڭ ئورالغانىدى. مەن سىلاپ باقتىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تېخى ئىسسىق تۇرۇپتۇ.
«بوۋا، سىز قانداق بولۇپ ماڭا قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقى ئېلىپ كەلدىڭىز؟» مەن بىر تەرەپتىن ئاغزىمغا موما يالپىقىنى سالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن گۇمانلانغان ھالدا سورىدىم. «مەن سىزنىڭ ئاچقۇچىڭىزنىڭ ئۆيدىكى ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، سىزنىڭ چوقۇم ئۆيگە كىرەلمەي، قورسىقىڭىزنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلدىم. قورسىقىڭىز تازا ئېچىپ كەتكەندۇ! قېنى، تېزدىن موما يالپىقى يەڭ!» ماڭا قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقىنى بەرگەندىن كېيىن، بوۋام بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى، مەن بوۋامنىڭ قارىسى كۆز ئالدىمدىن غايىب بولغۇچە دەرسخانىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تۇردۇم.
ئاشۇ كۈندىكى قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقىنى مەن بەك ئىشتىھالىق يېدىم، گەرچە ئۇ شۇنداق ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ بالىلىقىمنى ئىللىتتى.
ھازىر، بازاردا قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقىنىڭ تەمى ۋە ماركىلىرى ناھايىتى كۆپ، زىرە تەملىك، كالا گۆشى تەملىك، پىياز تەملىك، گالى تەملىك ... لېكىن مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يىلى كۈزدە بوۋام ماڭا ئەكېلىپ بەرگەن «ئەسلى تەملىك» قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقىغا يەتمەيدۇ.
بوۋامنىڭ بىزدىن ئايرىلغىنىغا بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ «يەتتە پارچە قاقلاپ پىشۇرۇلغان موما يالپىقى» يەنىلا خاتىرەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلىنىپ، خۇددى ئىللىق قۇياش نۇرىدەك ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى ۋەنبولىن رايونلۇق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)