شىنجاڭ دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى
17:04:17 2024-11-12 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىشىپ «دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى پەيدا قىلىدىغان ناچار ھادىسىلەر، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ناچار ئەكس تەسىرى، دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرى» دېيىلىدۇ)نى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

 مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئۇقتۇرۇش»تا پۈتۈن شىنجاڭدا دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- باھالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- باھالاش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، خەۋپ- خەتەردىن ئۈنۈملۈك ئالدىن سىگنال بېرىش، باشقۇرۇش- تىزگىنلەشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى توققۇز تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەت نىشانى بېكىتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، سىستېمىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

 بۇنىڭدىن باشقا، ئىجادىي دورا- داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئاساسىي دورا، مەركەزلىك سېتىۋېلىشتا تاللانغان تۈرلەر، مىكروبسىز ۋە كۆچۈرۈش خاراكتېرلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئالاھىدە گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغا قارىتا نۇقتىلىق ئۆلچەپ تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان. دورىلارنىڭ ناچار ئەكس تەسىرىگە ئالاقىدار توپلىشىش سىگنالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- بىر تەرەپ قىلىش كۈچەيتىلىپ، تەكشۈرۈش- ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ باھالاش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- باھالاش قاتارلىق تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، خەۋپ- خەتەردىن ۋاقتىدا، توغرا، ئۈنۈملۈك ئالدىن سىگنال بېرىلدى ۋە باشقۇرۇپ تىزگىنلەندى. (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ئېرشېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125