11- ئاينىڭ 4- كۈنى شىنجاڭ تېلەيجى تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبىرى تورغات تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى.
ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار تاموژنىنىڭ تەستىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان باجدىن خالىي ماللار ھەم تاموژنا رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن باشقا ماللار مەخسۇس ساقلىنىدىغان ئامبارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ پورت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۇزارتىلىشى بولۇپ، باجدىن خالىي ئامباردا ساقلاش، ئۆتەڭ سودىسى، ئاددىي پىششىقلاش ۋە قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
بۇ ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار تۈرىگە ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ كۆلىمى 100 مو بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3- ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار، شۇنداقلا يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تىپتىكى باجدىن خالىي ئامبار.
تورغات تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شيا يۇڭتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتىن قارىغاندا، ماللار باجدىن خالىي ئامبارغا قويۇلسا، ئىمپورت تاموژنا بېجى قاتارلىق باج- ھەقلەرنى تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، پورت تاموژنىسىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت ماللىرىنى باجدىن خالىي ئامباردا ساقلاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ مال ئىمپورت- ئېكسپورت ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قولايلىق ياراتقىلى، ئېكسپورت- ئىمپورت ماللىرىنىڭ پورتتا قىستاڭچىلىقتا توسۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. (مۇخبىر لى نىڭيەن)