چوڭ- كىچىكلىكى ماڭا تازا باب كېلىدىغان ئۈستىلىم بار. بۇ ئۈستەل قەلبىمگە قويۇلغان، ئۈستەل يېنىدا نەقىش ئويۇلمىغان، لېكىن ئولتۇرسا كىشىگە تولىمۇ راھەت بېغىشلايدىغان ئورۇندۇق بار.
ئاشۇ ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدىلا، پۈتۈن زېھنىمنى يىغىپ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزەلەيمەن.
پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، قەلبىمدە ئۆزۈمگىلا تەۋە بوشلۇق تەييارلىدىم. بۇ دەل قەلبىمگە قويۇلغان ئاشۇ ئۈستىلىم.
لېكىن، يېقىندىن بۇيان قەلبىمدىكى ئۆي جاھازىلىرى كۆپىيىپ قالدى، ھازىر مەن باشقىلار بىلەن قانداق قىلىپ بىللە ئىشلەشنى، قانداق قىلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋاتقان بولغاچقا، باشقىلارمۇ چۆرىدەپ ئولتۇرالايدىغان چوڭ تاماق ئۈستىلىنى قەلبىمگە قويۇپ سىناپ باقماقچى بولدۇم. دەرۋەقە، قەلبىمدە ھەر ۋاقىت باشقىلار بىلەن يۈزتۇرا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشالايدىغان جاي تەييارلاشنى قارار قىلغانىدىم.
ئېنىقكى، ئۇلارخىزمەتداشلىرىم، دوستلىرىم ياكى مۇھىم ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم، لېكىن ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا، ھەمىشە دىققىتىم چېچىلىپ كېتىدۇ ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىپ سالىمەن، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. ئەگەر كىشىلەر ھەمىشە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغاندىلا قىسقىلا مۇڭداشسا ياكى ئۆرە تۇرۇپلا پاراڭلاشسا، ئۆزىنى تېخىمۇ تەنھا ھېس قىلىشى مۇمكىن.
ئىككى تەرەپ ئۆرە تۇرۇپ پاراڭلاشقان تەقدىردىمۇ، خۇددى قەلبىمدىكى چوڭ ئۈستەلدە يۈزتۇرا ئولتۇرۇپ، چىن قەلبىدىن سەمىمىي پاراڭلىشىۋاتقاندەك ھالەتتە مۇڭدىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇشۇلارنى ئويلىشىپ قەلبىمدە كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىلىنىدىغان ئۈستەل تەييارلىدىم. بىزئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇپ كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشساق- ھە، دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
بۇ، ئىككى كىشىلىك ئۈستەل بولماستىن، بەلكى كۆپچىلىك جەم بولۇپ خۇشال- خۇرام ھال- مۇڭ قىلىشىدىغان چوڭ ئۈستەل، ئۈستەل يېنىغا يەنە تېخى بىرنەچچە ئورۇندۇق قويۇپ قويدۇم، ھەتتا تونۇشمايدىغان كىشىلەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ياقتۇرسىلا بۇ ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ مۇڭداشسا بولىدۇ.
بۇ خېلىلا چوڭ ئۈستەل، كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسا، بالىلار تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىسە بولىدۇ، چوڭ ئانىلىرىمىز ئولتۇرۇپ پۇرچاق ئاقلىسىمۇ بولىدۇ.
قەلبىمگە ئۈستەل قويۇۋالغاندىن كېيىن، مەيلى خىزمەتداشلىرىم، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم ياكى دوستلىرىم بولسۇن، ئۇلار بىلەن ھەر ۋاقىت يۈزتۇرا مۇڭدىشىشقا كۆڭلۈمدە تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇم.
مېنىڭچە، قەلبىمىزدە باشقىلار خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ ئولتۇرالايدىغان ۋە ئەركىن- ئازادە مۇڭدىشالايدىغان جاي تەييارلىساقلا، باشقىلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان بولىمىز.
دەرۋەقە، پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە كىچىك ئۈستەلنى تولىمۇ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلدىم، ئاشۇ كىچىك ئۈستەلنى دالدا قىلىپ تەنھا خىيال سۈرىدىغان مىنۇتلار مەن ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ دەۋاتقىنىم بىر كىشىلىك ئۈستەل، ئۇنىڭدىن باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىلىنىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمەيمەن.
شۇڭا، كىچىك ئۈستەل تەييارلاش بىلەن بىللە، يەنە بىر چوڭ ئۈستەلنىمۇ تەييارلىدىم، بۇ مېنىڭ يالغۇز كىشىلىك ياتاقتىن باشقا يەنە مېھمانخانىغىمۇ ئېھتىياجى چۈشىدىغان قۇرامىغا يەتكەن كىشىگە ئايلانغانلىقىمغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.