10- ئاينىڭ 17- كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى بىر كىيىم- كېچەك كۆرگەزمە زالىدا رەڭدار ئەتلەستىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋالدى، كۆپچىلىكنى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل قويۇق كەيپىيات جەلپ قىلىۋالدى. ھازىر، جىيا يېزىسىدا ئەتلەس پىششىقلاش كارخانىسىدىن يەتتىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تۆتى، كۆلەملەشكەن چوڭ ئائىلىدىن 11ى بار بولۇپ، ئەتلەس كەسپىدە يىپەك تارتىش، بوياش، رەخت توقۇشتىن كىيىم- كېچەك تىكىشكىچە، ئەمەلىي دۇكان ۋە توردا سېتىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەتلەسنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 450 مىڭ توپتىن كۆپرەككە، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 40 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.
(خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جاڭ شۇخۇا، ئابلىكىم بايىز)