نۇردۇن ئىسمائىل (ئوڭدا) ئوغلى ئەخمەت نۇردۇن بىلەن ئۆيىدە ئاتا- بوۋىلىرى ياسىغان چالغۇلارنى سۈرتمەكتە (10- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ مېڭچى فوتوسى
كەچ كۈز، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ھاۋا سەل سوغۇق ئىدى. چالغۇ چېلىۋاتقان بوۋاينىڭ غايەت زور ھەيكىلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، جاي كەنتىگە كىردۇق، جاراڭلىق قوڭغۇراق ئاۋازى ۋە كەنتتىكى كانايدىن چىققان مۇزىكا ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى.
قۇياش نۇرى ئەتراپىغا ئۈجمە دەرىخى تىكىلگەن كىچىك ھويلىغا چۈشكەن بولۇپ، ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئالا بۇلىماچ جىمىرلاپ تۇراتتى. 65 ياشلىق نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە ئالدىراش بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شاگىرتلىرىنى باشلاپ قولدا ئەنئەنىۋى چالغۇ ياساۋاتاتتى.
جاي كەنتىنىڭ چالغۇ ياساش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، «شىنجاڭ خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش بىرىنچى كەنتى»دېگەن نامى بار. جاي كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە، ھەممىلا يەردە چالغۇغا مۇناسىۋەتلىك تام رەسىملىرى ۋە بېزەك بۇيۇملىرىنى كۆرىسىز. كەنتتە چالغۇ ئەسۋابلىرى كۆرگەزمە مەركىزى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدىن سىرت ۋاقىتلاردا، ئۈچ- تۆت يېقىن دوست يىغىلىپ، بىرلىكتە مۇزىكا ئورۇنلايدۇ، مەردانە، شوخ ۋە ياكى لەرزان، تۆۋەن مۇزىكا ئاۋازىغا تەڭكەش قىلغىنىچە كۆپچىلىك لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
2008- يىلى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ «مىللىي چالغۇ ياساش ھۈنىرى» (ئۇيغۇر مىللىتى چالغۇ ياساش ھۈنىرى) 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە 120دىن ئارتۇق ئادەم چالغۇ ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان چالغۇ تۈرى 50 خىلدىن ئاشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىلىش مىقدارى 20 مىڭدىن ئاشىدۇ.
جاي كەنتىدىن تەبىئىي، سۈزۈك ئاۋاز ياڭرىدى. تەبىئىي، سۈزۈك ئاۋاز نۇردۇن قاتارلىق خەلق ئىچى ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ قولىدىكى چالغۇلاردىن چىققان. «چالغۇ چالغاندا چىققان ساز كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ». نۇردۇن مۇنداق دېدى: «ئۇسسۇل ئوينىغاندا مۇزىكا تەڭكىشى كەم بولسا بولمايدۇ». نۇردۇن چالغۇ ياساش ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، چالغۇ ياساش بىلەن 40 نەچچە يىل شۇغۇللانغان. ماھارىتى يۇقىرى ۋە ئاتا مىراس بىلىمى چوڭقۇر بولغاچقا، ئۇ 2008- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇپ باھالانغان، يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
نۇردۇننىڭ قارىشىچە، چالغۇ ياساش ھۈنەر- سەنئەتنىڭ ناماياندىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېقىملىق ئاۋازغا بولغان ئىنتىلىش ئىكەن. كۆپ يىللىق چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرگەن نۇردۇن ياغاچ تاللاش، قۇراشتۇرۇش، گۈل ئويۇپ بېزەش، سىرلاپ رەڭ بېرىش، تارا تارتىپ ئاۋاز تەڭشەش قاتارلىق چالغۇ ياساشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى پىششىق ئىگىلىدى. ئۈجمە ياغىچى شىنجاڭدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىرخىل ياغاچ ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇ بىر قەدەر ياخشى ئاۋاز چىقىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، نۇردۇن قاتارلىق خەلق ئىچى چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياسىغۇچىلار دائىم ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالغا ئايلانغان. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇردۇننىڭ ئىسكىلاتىدا يەنە باشقا ئۆلكە ۋە چەت ئەلدىن سېتىۋېلىنغان ياغاچ ماتېرىياللىرى ھازىرلىنىپ، خېرىدارلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى؛ ئاتا- بوۋىلىرىمىز دائىم ئىشلىتىدىغان ئۈچەيدىن ياسالغان تارىنىڭ ئورنىنى ھازىر نىلون يىپ قاتارلىق ماتېرىياللار ئالدى. سانلىق مەلۇماتلارنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سايمانلارنىڭ ياردىمىدە، چالغۇلاردىكى گۈل نۇسخىلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل بولدى.
«ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» بولغان شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى چالغۇلارنىڭ تۈرى كۆپ. نۇردۇن ياسىغان مەھسۇلاتلار دۇتار، تەمبۇر قاتارلىق تارىلىق چالغۇلار ۋە ساتار قاتارلىق كامانچە بىلەن چېلىنىدىغان چالغۇلارنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، خەلق ئىچىدىكى بايرام، توي- تۆكۈن قاتارلىق سورۇنلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. دۇتارنىڭ ئاۋازى بومراق، لەرزان، تەمبۇرنىڭ ئاۋاز دائىرىسى كەڭ، ئاۋاز تۈسى زىل، ساتارنىڭ ئاۋازى ياڭراق ... نۇردۇننىڭ قارىشىچە، چالغۇنىڭ ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئاۋاز ئالاھىدىلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەش- ئىپادىلىيەلمەسلىك ياسىغۇچىنىڭ ماھارىتىگە باغلىق ئىكەن. «قاتتىق تەلەپ»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش نۇردۇننىڭ شاگىرت قوبۇل قىلىپ ھۈنەر ئۆگىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپى. «بىر چالغۇ ئوقىنى ياساشنى بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلغاندىلا ئاندىن پىششىق ئىگىلىگىلى بولىدۇ، لېكىن لاياقەتلىك قىلىش ئۈچۈن مېنىڭچە ئاز دېگەندىمۇ بىر يىل كېتىدۇ».
خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا نۇردۇن ئۆزىنى مۇزىكىغا بېغىشلاشنى تاللىدى. «ساز چېلىش چوڭ مېڭىنى ئازادە قىلىدۇ، كەيپىيات ياخشى بولسا، تۇرمۇشىمىزمۇ خۇشال ئۆتىدۇ.» ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مۇزىكىغا بولغان ئىنتىلىشى چىقىپ تۇراتتى، «سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر دۇتار سېتىۋېلىپ، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئالايىتەن سىنغا ئېلىپ ئەۋەتىپ ماڭا كۆرسىتىدۇ»، دېدى نۇردۇن.
جاي كەنتىدە ياسالغان چالغۇلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تېخىمۇ يىراق جايلارغا يەتكۈزۈلدى. چالغۇلار چېلىنىپ، جاي كەنتىدىن ياڭرىغان تەبىئىي، سۈزۈك ئاۋاز تېخىمۇ كۆپ كىشىگە خۇشاللىق ۋە گۈزەللىك بېغىشلاپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ۋە كىشىلەر توپىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ئايلاندى.
جاي كەنتىدىكى ئۆيىدە، نۇردۇن ئىسمائىل باققان ئاسلانچاق چالغۇ يېنىدا ئارام ئالماقتا (10- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان ). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ مېڭچى فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ھويلىسىدا راۋاب ياسىماقتا (10- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان ). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ مېڭچى فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە دۇتارنىڭ قورسىقىغا يۈزلۈك چاپلىماقتا (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە دۇتار سىرلىماقتا، ئۇ باققان ئاسلان ئۇنىڭغا ھەمراھ بولماقتا (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
قوشنا ناھىيەدىن كەلگەن خەلق ئىچى سەنئەتكارى (ئوتتۇرىدا) دوستلىرى بىلەن نۇردۇن ئىسمائىلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چالغۇ سېتىۋالماقتا، ئۇلار تەمبۇر توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل تارىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىدىن چىقماقتا (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن، كىشىلەر رىتىمغا ئەگىشىپ شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە دۇتارنىڭ قورسىقىنى ياسىماقتا (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە دۇتار قورسىقىنىڭ رامكىسىنى ياسىماقتا (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل (سولدىن 2- كىشى) كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھويلىدا مۇزىكا ئورۇندىماقتا (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل (ئوتتۇرىدا) ئوغلى ئەخمەت نۇردۇن (سولدا) ۋە شاگىرتى بىلەن بىرلىكتە مۇزىكا ئورۇندىماقتا (10- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە دۇتار بىلەن ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكىسىنى چالماقتا (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل (ئوڭدا) بىلەن ھەمكارلاشقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان يېقىن دوستى بىلەن بىرلىكتە تارا ئورناتماقتا، ئايالى (ئوتتۇرىدا) بىر چەتتە تۇرۇپ ئىككەيلەن بىلەن پاراڭلاشماقتا (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن، كىشىلەر رىتىمغا ئەگىشىپ شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە تارا ئورنىتىلىش ئالدىدىكى تەمبۇرنى تىزماقتا (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
جاي كەنتىدىكى بىر كىچىك ھويلىدا نۇردۇن ئىسمائىل (ئوڭدىن 1- كىشى) بىلەن بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى مۇزىكا چالماقتا، كىشىلەر رىتىمغا ئەگىشىپ شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل ئۆيىدە دۇتار چالماقتا (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل بىر قولىدا تەمبۇر تۇتۇپ، بىر قولىدا ئەسۋاب تۇتۇپ، كىچىك ھويلىدا ماڭماقتا (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى
نۇردۇن ئىسمائىل (ئوڭدىن 2- كىشى) بىر قانچە كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە جاي كەنتىدىكى كىچىك قورۇدا مۇزىكا ئورۇندىماقتا (10- ئاينىڭ 30- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى