باھار بايرىمى ۋە ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش بىر كۈندىن كۆپەيدى! 2025- يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەلدى
10:53:48 2024-11-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار:

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2024- يىلى 11- ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»گە ئاساسەن، 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق پۇقرا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنى ئىككى كۈن كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باھار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ھەر بىرىگە بىر كۈندىن قوشۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش پىرىنسىپى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باھار بايرىمىدا دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسىدىن باشلاپ تەڭشەپ سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دۆلەت بايرىمىدا 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تەڭشەپ يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا تەڭشەپ بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، يېڭى يىل، چىڭمىڭ بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا تەڭشەپ ياكى شەنبە، يەكشەنبىگە ئۇلاپ ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (ئەگەر چارشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە، شۇ كۈنىلا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ)، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش جۇڭچيۇ بايرىمى بىلەن بىللە كەلسە، سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

 يۇقىرىقى پىرىنسىپ بويىچە، 2025- يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق تەڭشەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى تۆۋەندىكىدەك كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى:

 1. يېڭى يىلدا 1- ئاينىڭ 1- كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ.

 2. باھار بايرىمىدا 1- ئاينىڭ 28- كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسى، سەيشەنبە)دىن 2- ئاينىڭ 4- كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1- ئاينىڭ 7- كۈنى، سەيشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن تەڭشەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 1- ئاينىڭ 26- كۈنى (يەكشەنبە)، 2- ئاينىڭ 8- كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

 3. چىڭمىڭ بايرىمىدا 4- ئاينىڭ 4- كۈنى (جۈمە)دىن 6- كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

 4. ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 5- ئاينىڭ 1- كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5- كۈنىگىچە (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن تەڭشەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4- ئاينىڭ 27- كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

 5. دۇەنۋۇ بايرىمىدا 5- ئاينىڭ 31- كۈنى (شەنبە)دىن 6- ئاينىڭ 2- كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

 6. دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا 10- ئاينىڭ 1- كۈنى (چارشەنبە)دىن 8- كۈنى (چارشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن تەڭشەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9- ئاينىڭ 28- كۈنى (يەكشەنبە)، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

 بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى مەزگىلدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىجورنىلىك ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقەگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئىناق، تىنچ ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 2024- يىلى 11- ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»گە ئاساسەن:

 بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايراملار مۇنۇلار:

 (1) يېڭى يىل، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (1- ئاينىڭ 1- كۈنى)؛

 (2) باھار بايرىمى، تۆت كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسى، باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە)؛

 (3) چىڭمىڭ بايرىمى، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە چىڭمىڭ كۈنى)؛

 (4) ئەمگەكچىلەر بايرىمى، ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ( 5- ئاينىڭ 1-، 2- كۈنى)؛

 (5) دۇەنۋۇ بايرىمى، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە دۇەنۋۇ كۈنى)

 (6) جۇڭچيۇ بايرىمى، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (دېھقانلار كالېندارى بويىچە جۇڭچيۇ كۈنى)

 (7) دۆلەت بايرىمى، ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ (10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنىگىچە)

 بىر قىسىم پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرى مۇنۇلار:

 (1) ئاياللار بايرىمى (3- ئاينىڭ 8- كۈنى)، ئاياللار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛

 (2) ياشلار بايرىمى (5- ئاينىڭ 4- كۈنى )، 14 ياشتىن يۇقىرى ياشلار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛

 (3) بالىلار بايرىمى (6- ئاينىڭ 1- كۈنى) 14 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈرلەر- بالىلار بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؛

 (4) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى (8- ئاينىڭ 1- كۈنى)، مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

 ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەتلەنگەن بايراملىرىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مىللەتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى بەلگىلەيدۇ.

 «7- فېۋرال» خاتىرە كۈنى، «30- ماي» خاتىرە كۈنى، «7- ئىيۇل» ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە كۈنى، «3- سېنتەبىر» ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈن، «18- سېنتەبىر» خاتىرىلەش كۈنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، سېسترالار بايرىمى، مۇخبىرلار بايرىمى، كۆچەت تىكىش بايرىمى قاتارلىق باشقا بايرام، خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلمەيدۇ.

 بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنى ئەگەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، خىزمەت كۈنىدە تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. بىر قىسىم پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنى ئەگەر شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كەلسە، دەم ئېلىش تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ.

 بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بىر تۇتاش تەڭشەپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر ئۇزۇن دەم ئېلىش ۋاقتىنى شەكىللەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئۇدا ئىشلەش ۋاقتى ئادەتتە ئالتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

 گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125