ئۈرۈمچى ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش سانى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى
11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدە ئاپتوموبىل كارخانىسى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ھەمدە تۈرلۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ نەپ بېرىش سىياسەتلىرى ھەقىقىي كۈچ بەردى ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋەندا مەيدانىدىكى ئاپتوموبىل بازىرىغا بېنز، فاڭچېڭباۋ، خافۇ قاتارلىق كۆپ خىل ئاپتوموبىل تىپى توپلاشتى. ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىغا زاۋۇتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى قوشۇلۇپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل مەستانىسىنى جەلپ قىلدى.
يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئۈرۈمچىدە پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىپ، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش، ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى تېز ئېشىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە 8154 ئاپتوموبىلغا ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان، 3171 ئاپتوموبىلغا ئاپتوموبىل بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلىش سانى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا 1- ئورۇندا تۇرغان. ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى 1 مىليارد 699 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا تۈرتكە بولغان.
ئېتىبارلار گىرەلىشىپ، سىياسەتلەرنىڭ جۇغلانما ئۈنۈمى سىجىل نامايان قىلىندى
ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم پۇلى، ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى سىياسىتىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، سىياسەتنىڭ جۇغلانما ئۈنۈمى سىجىل نامايان بولدى، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ۋە تىجارەت سودىگەرلىرى يىل ئاخىرىدا «چوڭ سوۋغا» بېرىشكە كۈچىدى، بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى سىجىل قوزغاتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل كەسپى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئايدا ئۈرۈمچىدە سېتىلغان ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 14 مىڭ 193كە يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %19.87 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى 8774 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن % 22.31؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى 5419 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %16.11 ئاشقان.
سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسىنىڭ شىمالىي رايونىدا خافۇ 6، خافۇ 9 ۋە خافۇ مېڭلۇڭ قاتارلىق بازىرى ئىتتىك ئاپتوموبىل تىپلىرىغا بېرىلگەن ئېتىبار بېرىش سالمىقى ناھايىتى زور بولدى. بۇ بازارنىڭ دىرېكتورى سۈن جيەنۋېي مۇنداق دېدى: خافۇ 6، خافۇ 9 ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنى بىراك قىلسا 15 مىڭ يۈەن، ئالماشتۇرۇپ يېڭىلىسا 13 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنىڭمۇ ياردەم پۇلى بار، ئوخشاش ماركىدىكىگە 8000 يۈەن ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى، ئوخشىمىغان ماركىدىكىگە 6000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل 7- ئايدا خافۇ ئاپتوموبىلىنىڭ نورمال سېتىلىش مىقدارى 150كە، 8- ئايدا 170كە يەتتى، 10- ئايدا 200دىن ئاشتى، ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %18تىن يۇقىرى بولدى.
شىنجاڭ خۇادا ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى نيۇ تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قوش11» مەزگىلىدە دۇكىنىمىز ئالاھىدە باھالىق ئاپتوموبىلدىن 11نى بازارغا سالدى. سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى مەزگىلىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستېمالچىلار قىسمەن ئاپتوموبىل تىپلىرىنى تاللاپ سېتىۋالسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 48 مىڭ يۈەن ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنە ئالدىن پۇل تاپشۇرماسلىق، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ چۇەنچى ئاپتوموبىلى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لو خەيتيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46 ئاشتى.
يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تېزلىتىلىپ، يېڭى ئاپتوموبىل بازىرى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇلدى، نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبوروتى تېزلىتىلدى
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى دالۈگۇ ئەتراپىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى گوئاۋ 1- ئاپتوموبىل شىركىتى تويوتا ئاپتوموبىل سېتىش مەركىزىدە «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»تەشۋىقات ئېلانىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى.
ئۈرۈمچى گوئاۋ 1- ئاپتوموبىل شىركىتى تويوتا ئاپتوموبىلى 4S دۇكىنىنىڭ سېتىش دىرېكتورى فەن جياڭپېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن باشقا، بىراك قىلىنىدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا، يەنە سالاھىيىتى بار بىراك قىلىش سۇپىسى كارخانىسى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، دۇكانغا كەلگەن خېرىدارلارغا «دۇكان ياردەم پۇلى بىلەن دۆلەت ياردەم پۇلى»دىن ئىبارەت قوش ياردەم پۇلى بەردۇق، خېرىدارلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 32 مىڭ يۈەن نەق پۇل ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
11- ئاينىڭ 11- كۈنى تيانشان رايونى داۋان شىمالىي يولىدىكى 1- ئاپتوموبىل گۇرۇھى داجۇڭ تېڭجۇڭ ئاپتوموبىل شىركىتى 4S دۇكىنىدا خېرىدارلار كۆپ ئىدى، بۇ دۇكاننىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش دىرېكتورى ساۋ جىگاڭ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۇكىنىمىزغا كېلىپ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئىلگىرىكى %20تىن ھەر ئايدا %30تىن %40كىچە ئاشتى، بۇ دۇكىنىمىزدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا تۈرتكە بولدى.
يۈرۈشلەشتۈرۈش مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېزلىتىلدى
بۇ يىل 4- ئايدا سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق «ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتوموبىلىنى بىراك قىلغان، يېڭىلىغان ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە ياردەم پۇلى بەردى.
7- ئايدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىرگە مۇناسىۋەتلىك تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش»، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» قاتارلىقلارنى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ «بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىل ياردەم پۇلى»، «ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
كونا ئاپتوموبىلنى بىراك قىلغان ھەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالغان بولسا، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 20 مىڭ يۈەن ۋە 15 مىڭ يۈەن بولدى؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرغان ئىستېمالچىلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئايرىم- ئايرىم ھالدا 18 مىڭ يۈەن ۋە 13 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بىراك قىلىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ توردا تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال تەسىراتىنى ئۆستۈردى، ئەمەلىي سىياسەت پايدىسى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان توكلىغۇچ مەسىلىسىمۇ تەدرىجىي ھەل قىلىنماقتا. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 10- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىدىن جەمئىي 25 مىڭ 507سى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 4987سى ئاممىۋى ئەسلىھە، 20 مىڭ 520سى شەخسىي ئەسلىھە ئىكەن. 2024- يىلى 11 مىڭ 529ى يېڭىدىن كۆپەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى ئەسلىھەدىن 1745ى، شەخسىي ئەسلىھەدىن 9784ى بار ئىكەن. بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسى %45كە يېتىپ، توكلىغۇچ قۇرۇلۇشى يەنىمۇ تېزلىتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى بۇ يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. (مۇخبىر گو لىڭ، تاڭ خۇڭمېي، ۋاڭ لىنا، جيا مېڭيەن)