ۋۇ چىڭشەن
ھەر قېتىم ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىمدە، ئىختىيارسىز ھالدا: «سىزنىڭ بولغىنىڭىز بەك ياخشى بولدى!» دەيمەن.
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاشۇ كۈنى ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇشىمىزغا، سىنىپقا ناتونۇش بىرەيلەن كىرىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ سىز گاۋ مۇئەللىم ئىدىڭىز. مەن سىزنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، كۆڭلۈم دەككە- دۈككە بولۇپ، «يۈرەككە سانجىلىدىغان» نەتىجىنى كۆرۈپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئىككى قولۇم بىلەن ئىمتىھان قەغىزىنى توسۇۋالدىم، سىز ماڭا قاراپ قويۇپ، ئۈن- تىنسىز كېتىپ قالدىڭىز. بۈگۈن قۇتۇلغىنىم بىلەن، ئەتە قۇتۇلالمايتتىم. مەن كىتاب ئېلىۋاتقىنىمدا ئويلىمىغان يەردىن ئىمتىھان قەغىزىدىكى نەتىجەم كۆرۈنۈپ قالدى، دەل مۇشۇ چاغدا سىز كېلىپ ئېنىق كۆرۈپ قېلىپ، قەدىمىڭىزنى توختاتتىڭىز. سىز كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا: «نېمىشقا ئاران مۇشۇنچىلىك ئالدىڭىز، بىلەلمىدىڭىزمۇ ياكى بىپەرۋالىقىڭىزدىن كېلىپ چىققانمۇ؟» دېدىڭىز. «بىپەرۋالىقىم!» دېدىم مەن ئېغىر بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ، خىجىل بولغان ھالدا. «خاتالىقنى بىلگەندىن كېيىن تۈزىتىش، قەيەردە يىقىلغان بولسا، شۇ يەردىن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك. مەن سىلەرنىڭ بۇرۇنقى نەتىجەڭلارنى كۆرمەيمەن، ھازىر كۆپچىلىك ئوخشاش بىر پەللىدە تۇرۇۋاتىسىلەر، كىم ئەڭ تېز، ئەڭ مۇقىم يۈگۈرسە، شۇ غەلىبە قىلىدۇ!» دېدىڭىز كۈلۈپ تۇرۇپ.
شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دەرس ۋاقتىدا ئۇياق- بۇياققا قارىمىدىم، بەلكى پۈتۈن زېھنىم بىلەن سىزنىڭ دەرسىڭىزنى ئاڭلاپ، سىز دېگەن ھەر بىر سۆز، ھەر بىر جۈملىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، سىز ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە ئاكتىپ ئويلاندىم ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بەردىم. ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، سىز ھەمىشە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماڭا قاراپ تۇرۇپ، خۇددى: «غەيرەت قىلىڭ، سىز ئەڭ قالتىس بالا!» دەۋاتقاندەك تۇيۇلدىڭىز. بۇ چاغدا، مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر خىل ئىللىق ئېقىمنىڭ پۈتۈن بەدىنىمگە يامراپ، كۈچكە تولغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، يەنە داۋاملىق قېتىرقىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلدىم. ھەر بىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئاخىرلىشىشى مەن ئۈچۈن يېپيېڭى باشلىنىش بولدى، مەن ئەمدى ئىلگىرىكىدەك كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدىم، بەلكى تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىدىم.
ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مۇشۇنداق چاغدا، سىز دائىم مېنى بۇرۇنقىدەكلا رىغبەتلەندۈردىڭىز، قوللىدىڭىز. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئاشۇ قېتىم مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن مەن ئويلانمايلا ۋاز كەچتىم، سىز مېنى ئىشخانىغا چاقىرىپ سۆھبەتلەشتىڭىز، شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەك پاراكەندە ئىدى. كەچتە سىز يەنە ئاپامغا تېلېفون قىلىپ سەۋەبىنى سورىدىڭىز، ئاپام سىزنىڭ ئۈمىدىڭىز ۋە ئويىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەردى ھەمدە مېنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىمنى قوللىدى، مەن دەرھال تىزىمغا ئالدۇردۇم، ئەڭ ئاخىرىدا مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. مەن بىلىمەن، بۇ نەتىجىگە سىزنىڭ قان- تەرىڭىز سىڭگەن، سىزنىڭ ئىلھامىڭىز ماڭا بىباھا گۆھەر − ئىشەنچ بېغىشلىغان ئىدى.
سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە بۇ ئىشلار ناھايىتى كىچىك، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، لېكىن مەن باشتىن- ئاخىر ئېسىمدە ساقلاپ كەلدىم. سىز بىپايان دېڭىز بويىدىكى ماياكقا ئوخشاش، مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولۇمنى يورۇتتىڭىز؛ سىز خۇددى بىر ناسوسقا ئوخشاش، مەن چۈشكۈنلەشكەن چاغدا ماڭا كۈچ بەردىڭىز؛ سىز خۇددى ياز كۈنلىرىدىكى ماروژنىغا ئوخشاش، ماڭا شېرىنلىك ۋە سالقىنلىق بېغىشلىدىڭىز. سىزنىڭ بولغىنىڭىز، بەك ياخشى بولدى! مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن!
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى خۇاجوۋ رايونى شىڭلىن بازارلىق 2- باشلانغۇچ مەكتەپ
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)