مىڭ چاقىرىملىق مۇنبەت تۇپراق گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى يېتىلدۈردى، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك، يېزىلىرى گۈزەل بولۇش، دېھقانلار باي- باياشات بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى تەدرىجىي روشەنلەشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولدى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادى پۇختا ئاشتى، يېزا- كەنت خاس كەسىپلىرىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلدى. بىپايان يېزا- كەنتلەر گۈللەپ ياشنىدى، كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولغىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈشتىكى كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىي ھالەت، ئاڭلىغىنىمىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقى، ياشانغانلار- ياشلارنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدىكى خۇشال كۈلكە سادالىرى بولدى.
قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە بوشلۇقتىن نەزەر. زوۋ يى فوتوسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى تېكىچى يېزىسى شانەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى قولىغا پاي ھوقۇقى كىنىشكىسىنى ئېلىپ، كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۇلارغا تەقسىملەپ تارقاتقان پايدىسىنى ئېلىشقا تەق بولدى. ۋاڭ لىخۇا فوتوسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى بازىرى خەلق باغچىسىدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانىدا، توپچىلار توپ مەيدانىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشمەكتە. مۇرادىل ماناس فوتوسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىلىق دوختۇرخانىدا، خىزمەتچى خادىم ئاممىغا 2024- يىللىق يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تولۇقلاپ ئەملەش ۋە ئەملەنمەي قالغان باشقا ۋاكسىنىلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ ئەملەش پائالىيىتىنىڭ تەشۋىقات ۋەرىقىسىنى تارقاتماقتا. ۋەلى قېيۇم فوتوسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى مايدان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايساباي جاقىپ خۇشال ھالدا تېمەن، سوغۇققا چىداملىق تۆلنى كۆتۈرمەكتە. ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا قۇرۇتۇشىغا ياردەم بەرمەكتە. نيەن لېي فوتوسى
«گۈزەل ھويلا- ئاران» «گۈزەللىك ئىقتىسادى»غا تۈرتكە بولدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى تىكەنلىك كەنتىگە جايلاشقان «يۈنچى خۇاشې» ئائىلىۋى مېھمانخانىسى باھاسىنىڭ خەلققە يېقىشلىقلىقى، مۇھىتىنىڭ ئازادىلىكى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشكە جەلپ قىلدى. خەن لياڭ فوتوسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجيېگۇ بازىرىنىڭ دالا مەنزىرىسى. سەي زېڭلې فوتوسى