ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خوڭۋېي) 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرى سېتىۋالسا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلەرنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان تۈرگە يېڭىدىن ئۆيدە ئىشلىتىدىغان 15 خىل تاۋار، 11 خىل ئۆي جاھازىسى ھەم ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارنى قوشۇشنى، ياردەم پۇلى سوممىسىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەنگە ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يېقىندا غۇلجا شەھىرىدىكى بىر ئۆي بېزەكچىلىكى دۇكىنىدا ئىستېمالچىلار خىزمەتچى خادىم بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. جاڭ يەن فوتوسى
بۇلارنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قوشۇلغان ئۆيدە ئىشلىتىدىغان 15 خىل تاۋار تۆۋەندىكىچە: سايە چۈشۈرگۈچ، قەھۋە ماشىنىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى، يېمەكلىك تەييارلاش ماشىنىسى (ئەقلىي ئىقتىدارلىق قورۇما قورۇش ماشىنىسى، پۇرچاق سۈتى ماشىنىسى، ئېزىش ماشىنىسى، مېۋە سىقىش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاشخانا ئېلېكتىر سايمانلىرى (خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى، ساندۋىچ ماشىنىسى، ناشتىلىق ماشىنىسى، گۆش قىيمىلاش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپى، چاڭ- توزان سۈمۈرگۈچ، ھاۋا تازىلىغۇچ، توك دۇخوپكا، توك قازىنى، يۇقىرى بېسىملىق قازان، توكلۇق ئىسسىتقۇچ (ئىسسىق شامال چىقارغۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چىراغ، تام قەغىزى (تام رەختىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىم ئاسقۇچ؛
يېڭىدىن كۆپەيگەن 11 تۈرلۈك ئۆي جاھازىسى ھەم ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلار: توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق (مېڭىشقا ياردەم بېرىدىغان توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇق، پەلەمپەيگە چىقىشقا ياردەم بېرىدىغان توكلۇق چاقلىق ئورۇندۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نەپەس ئېلىشقا ياردەم بېرىش ماشىنىسى (ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يىقىلىپ چۈشۈشنى كۆزىتىش ئەسۋابى، نەپەس، يۈرەك سوقۇشنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، ئادەم بەدىنىنى كۆزىتىش ئەسۋابى، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان چوڭ- كىچىك تەرەتنى تۇتالمايدىغانلارنى پەرۋىش قىلىش ئۈسكۈنىسى، ياردەمچى ئاڭلىغۇچ، قان بېسىمىنى ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرىنى ئۆلچىگۈچ، قان ئوكسىگېنىنى ئۆلچىگۈچ، كۆزىتىش قول سائىتى.
ياردەم پۇلى ئۆلچىمى جەھەتتە، شەخسىي ئىستېمالچىلار بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىدىكى ئائىلە بېزىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارنى سېتىۋالسا، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئىستېمالچى بۇ ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن تاۋارنى سېتىۋالسا، بىردەك ھەر بىر تۈردىكى ھەر بىر بۇيۇمدىن بىرسىگە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەر بىر بۇيۇمنىڭ ياردەم پۇلى سوممىسى 2000 يۈەن (2000 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024- يىلى ئۆي بېزىكى، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى <يېڭىلاش> ياردەم پۇلى بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» ھۆججىتىدە كۆرسىتىلگەن 23 تۈرلۈك ئائىلە بېزىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى ھەم ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى سوممىسى، ھۆججەت ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ھەر بىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى سوممىسى 1000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكتىن 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك (2000 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)كە ئۆستۈرۈلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)