ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ) 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا، داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى ۋاڭ خۇڭۋېي، «جۇڭگو بۇلبۇلى» دىلبەر يۇنۇس، جاز پىيانىنو چالغۇچى لو نىڭ، دۇنيا پىيانىنو ساھەسىدىكى «مەڭگۈ قۇرۇماس دەرەخ» رىچارد كىلايدمان قاتارلىق مۇزىكا ئۇستازلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان كۆرۈش- ئاڭلاش كاتتا زىياپىتىنى تەقدىم قىلىدۇ.
2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى «ئىناقلىق كۈيى، ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، بۇ تۇنجى قېتىملىق سىمفونىيە ئاساس قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى ھېسابلىنىدۇ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن مىڭ نەپەر مۇزىكانت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ، مەركىزىي بالېت ئۆمىكى، جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى، تيەنجىن مۇزىكا شۆيۈەنى، لەنجوۋ سىمفونىيە ئۆمىكى، شۇنداقلا ئەرمېنىيە دۆلەتلىك سىمفونىيە ئۆمىكى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئۆمەك- گۇرۇپپا ۋە ئاپپاراتلار شىنجاڭغا كېلىپ ئويۇن قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭ ئەييۆ ئوركېستىرى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مىللەتلەر ئوركېستىرى قاتارلىقلار تاماشىبىنلارغا سىمفونىيە مۇزىكا كېچىلىكى، جاز مۇزىكا كېچىلىكى، مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى، خور مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق 19 سەھنە مۇزىكا كېچىلىكى، 22 مەيدان ئويۇن تەقدىم قىلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك مۇزىكا پەسلىدە سودا خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇشتىن باشقا، بارلىق مەيدان ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بېلىتى سېتىلىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 80 يۈەن بولىدۇ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئويۇن بېلىتى يېقىنقى كۈندىن باشلاپ «91 بېلەت ئىشلىرى» ۋە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ بېلەت ئىشلىرى سۇپىسىدا ئومۇميۈزلۈك سېتىلىدۇ.
2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سەنئەت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، مۇزىكا ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئويۇن قويۇش كۈنتەرتىپى
1. «مۇزىكىغا تولغان يىپەك يولى» مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
2. «جۇڭگو بۇلبۇلى» دىلبەر يۇنۇس ئۇستاز- شاگىرتلار مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
3. «گۈزەل مۇزىكا چېلىش» يۈرۈشلۈكى. گو مىڭشۈەن باربىت مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 18:00دە
ئورنى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
4. «مەڭگۈلۈك كىلاسسىك» مەركىزىي بالېت ئۆمىكى سىمفونىيە ئوركېستىرى مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
5. «مەڭگۈلۈك كىلاسسىك» مەركىزىي بالېت ئۆمىكى سىمفونىيە ئوركېستىرى مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
6. «مۇقام جەۋھەرلىرى − چەبىيات»
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكى تىياتىرخانىسى
7. «مۇقام جەۋھەرلىرى − چەبىيات»
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكى تىياتىرخانىسى
8. «شەرقنىڭ سىدام سىزمىسى» لو نىڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ جاز مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
9. دەننىس لۇپاچيوف ئۇزۇن نەي يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 20:30دە
ئورنى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
10. «قار شەھىرىدىكى سادا» مىللەتلەر مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
11. «سۈرەتتەك تاغ- دەريالار» لەنجوۋ سىمفونىيە ئۆمىكى مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
12. «يىپەك يولىدىكى ئوي- خىياللار» لەنجوۋ سىمفونىيە ئۆمىكى مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈن، سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
13. «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» رىچارد كىلايدمان پىيانىنو مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 21:30دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. چوڭ تىياتىرخانىسى
14. «تەبىئەت ساداسى» ۋاڭ خۇڭۋېي ۋە تيەنجىن مۇزىكا شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
15. «گۈزەل مۇزىكا چېلىش» يۈرۈشلۈكى. ئاككوردىيون مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
16. ناخشا ئېيتىش تىياتىرى «سېنسەن. مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان دەرەختە نەشپۈت چېچىكى ئېچىلدى»
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسى
17. «گۈللىنىش سەھىپىسى» خور مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
18. «ئاڭلاش. نەپىس ئېيتىلغان ناخشا» فەن جىڭما ۋە ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئۆمىكى مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى، سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى تىياتىرخانىسى
19. «گۈزەل مۇزىكا چېلىش» يۈرۈشلۈكى. خور مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈن، سائەت 18:00دە
ئورنى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
20. «گۈللىنىش دەۋرى ساداسى» مىللەتلەر مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى
21. ئەرمېنىيە دۆلەتلىك سىمفونىيە ئۆمىكى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
22. ئەرمېنىيە دۆلەتلىك سىمفونىيە ئۆمىكى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى
ۋاقتى: 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، سائەت 21:00دە
ئورنى: ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى. مۇزىكا زالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)