ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ) 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا، داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى ۋاڭ خۇڭۋېي، «جۇڭگو بۇلبۇلى» دىلبەر، جاز پىيانىنو چالغۇچى لو نىڭ، دۇنيا پىيانىنو ساھەسىدىكى «مەڭگۈ قۇرۇماس دەرەخ» رىچارد كىلايدمان قاتارلىق مۇزىكا ئۇستازلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان كۆرۈش- ئاڭلاش كاتتا زىياپىتىنى تەقدىم قىلىدۇ.
2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سەنئەت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، مۇزىكا ئارقىلىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىپ، مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)