گۇڭئەن ئورگىنى جىنايەت گۇماندارى ئا x، مۇ xنى قولغا چۈشۈردى. سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى ئورۇن تەمىنلىگەن
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خاۋ
يېقىندا، بىڭتۇەن 3- شىسى تۇمشۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق (شەھەر رايونى) گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتى ئاممىنىڭ تەۋەلىكىدىكى 51- تۇەن تاڭيى بازىرىدىكى ئامما ئا xنىڭ ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، يۇقىرى سوممىلىق سۇغۇرتىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىش دېلوسىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلاندى.
2021- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەر سائەت 3لەردە، كۈچلۈك بىر ئاۋاز يېرىم كېچىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى، 51- تۇەن تاڭيى بازىرىدا يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان قىزىل رەڭلىك پىكاپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدى. تۇمشۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق (شەھەر رايونى) گۇڭئەن ئىدارىسى تاڭيى بازارلىق ساقچىخانىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ئوتنى ئۆچۈردى، يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان پىكاپنىڭ ئىگىسى ئا xمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، بۇ چاغدا پىكاپ پۈتۈنلەي كۆيۈپ ۋەيران بولغانىدى. ئارقىدىن، ئا x ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئاپتوموبىلىنى سۇغۇرتىلاتقان شىركەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى سۇندى ھەمدە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تالونى، ئاپتوموبىلنى تىزىملاتقانلىق ئىسپاتى ھەم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىق دەلىل- ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىدى. سۇغۇرتا زىيىنىنى بېكىتىش خادىملىرى نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، باشقا مەسىلە بايقىمىدى، سۇغۇرتا شىركىتى كېلىشىم بويىچە ئا xكە 30 مىڭ يۈەن سۇغۇرتا تۆلەم پۇلى بەردى.
2022- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئوخشاش ئىش يەنە بىر قېتىم 51- تۇەندە يۈز بەردى، ئاپتوموبىل ئىگىسى مۇ xنىڭ پىكاپى كېچىدە تۇيۇقسىز ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كەتتى. مۇ x مۇ ئاپتوموبىلىنى سۇغۇرتىلاتقان شىركەتكە تۆلەم تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى سۇندى ھەمدە مۇناسىپ ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا 110 مىڭ يۈەن سۇغۇرتا تۆلەم پۇلىنى ئالدى.
تۇمشۇق بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق (شەھەر رايونى) گۇڭئەن ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئامما پاش قىلغان ئا xنىڭ ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى يالغاندىن ياساپ، يۇقىرى سوممىلىق سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلوسىنى تەكشۈرگەندە، يۇقىرىقى ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كەتكەن ئىككى پىكاپنىڭ ھەممىسىنىڭ ئا xنىڭ ئىكەنلىكىنى بايقىدى. خەلق ساقچىلىرى بۇ ئىككى ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى ئاممىۋى سىننى تەكشۈرۈپ، ھەر ئىككى ۋەقەدە ئوخشاش بىر ئەرنىڭ بارلىقىنى كۆردى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئەرنىڭ تۇ x ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاندى. ئۇ نېمە ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كەتكەن نەق مەيدانىدا پەيدا بولىدۇ؟
10- ئاينىڭ 27- كۈنى، ساقچىلار ئا x بىلەن مۇ xنى قانۇن بويىچە چاقىرتتى. سوراق ئالدىدا، ئىككىيلەن ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىش ۋەقەسىنى پىلانلاش ئارقىلىق سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ پاكىتنى تاپشۇردى.
2021- يىلى، ئا x ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى سېتىۋالغاندا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ بازاردىكى باھاسىنىڭ 80 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن تۇ x بىلەن بىرلىكتە ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىش سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى ۋەقەسىنى پىلانلىغان. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە، ئۇ تۇ x بىلەن ئالدىن تەييارلاپ قويغان كاۋچۇك سۈيىنى پىكاپقا قۇيۇپ، ئاندىن پىكاپقا ئوت تۇتاشتۇرغان.
مۇ x ئا xنىڭ دوستى، ئۇ ئىلگىرى ئا xنىڭ نامىدا قەرز ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋالغان. 2022- يىلى 2- ئايدا، ئا x مۇ xنىڭ قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، تۇ x بىلەن بىللە مۇ xكە ئاپتوموبىل ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
ئا x، مۇ x سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلاردىكى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى، تۇ x ئايرىم دېلو بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى. ھازىر بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.
دېلودىن ئىبرەت ئېلىش
قاتناش ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، سۇغۇرتا تۆلەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىدا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەمدە گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىپ كېتىشىنى پىلانلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۇغۇرتا ئالداپ ئېلىۋېلىشنىڭ سۇبيېكتىپ مۇددىئاسى ئېنىق، جەمئىيەتتىكى تەسىرى يامان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت رەھىمسىز، يەنە ئەتراپتىكى ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارغا ئوت كېتىشى مۇمكىن، بۇنداق قىلمىش قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. گۇڭئەن ئورگانلىرى بۇ دېلو ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قانۇن بىلەن ئويناشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)