11- ئاينىڭ 13- كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۆي- زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى.
ئائىلىلىنىڭ بىردىنبىر ھەم ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيىنى سېتىۋالغاندا، 140 كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتمىسە %1 بويىچە يەر خېتى بېجى تاپشۇرىدۇ
يېڭى سىياسەت مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تۇرالغۇ سودىسى ھالقىسىدىكى يەر خېتى بېجىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، %1لىك يەر خېتى بېجى ئېتىبارلىق نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تۇرالغۇ كۆلىمى ئۆلچىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن 140 كىۋادرات مېتىرغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق تۇرالغۇ ئېھتىياجى ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قوللاشقا ئېرىشتى.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا:
تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، سېتىۋالغان ئۆي كۆلىمى 90 كىۋادرات مېتىر بىلەن 140 كىۋادرات مېتىر ئارىلىقىدا بولسا، يەر خېتى بېجى %1.5تىن %1كە ئۆزگىرىپ، 0.5 پىرسەنت پوئىنتى ئازىيىدۇ.
ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان ئائىلىلەرنىڭ سېتىۋالغان ئۆي كۆلىمى 140 كىۋادرات مېتىردىن ئاشمىسا، يەر خېتى بېجى بىر تۇتاش %1كە ئۆزگەرتىلىدۇ؛ 140 كىۋادرات مېتىردىن ئاشقانلىرىنىڭ %3تىن %2كە ئۆزگەرتىلىدۇ.
جۇڭگو خەلق داشۆسى مالىيە- باج تەتقىقات ئورنىنىڭ باش پىروفېسسورى جۇ چىڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە يەر خېتى بېجىنىڭ ئۆلچەملىك باج نىسبىتى %3 ۋە %5 ئىدى، لېكىن بىر قىسىم ئېتىبارلىق باج نىسبىتى چىقىرىلدى، بۇ قېتىم ئائىلىلىگە سېتىۋالغان بىردىنبىر ئۆينىڭ يەر خېتى بېجى نىسبىتى تەتبىقلىنىدىغان كۆلەم 90 كىۋادرات مېتىردىن 140 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولۇشقا كېڭەيتىلدى. ئائىلىگە شەخسىي ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغاندا، ئەگەر 140 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتمىسە، %1لىك ئېتىبارلىق باج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى ئېلىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشدىكى بۇنداق توسالغۇنى تۈگىتىش بۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئۆي- مۈلۈك سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كېڭەيتىشتە بەلگىلىك ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
مۇتەخەسسىس مۇنداق بىلدۈردى: سىياسەتكە ئاساسەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت شەھەر باشقا رايونلار بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلىنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيىگە يەر خېتى بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بىر تۇتاش تەتبىقلىسا بولىدۇ.
جۇڭگو مالىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت بۇ تۆت شەھەرنىڭ ئىلگىرىكى ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە چەك قويۇش شەرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇ قېتىم پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاش بىر ئۆلچەمنى تەتبىقلايدۇ، شۇڭا، ئۆي سېتىۋېلىشتىكى يەر خېتى بېجى يۈكىنى تۆۋەنلىتىش پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ ئىستېمالىغا پايدىلىق.
مۇتەخەسسىسلەر بىزگە مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى:
بېيجىڭدا ئومۇمىي باھاسى 5 مىليون يۈەنلىك ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدۇق دەيلى، ئىلگىرى يەر خېتى بېجىغا %3لىك نىسبەت بويىچە 150 مىڭ يۈەن ئېلىناتتى، يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەگەر كۆلىمى 140 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتمىسە، يەر خېتى بېجىغا %1 بويىچە 50 مىڭ يۈەن ئېلىنىدۇ، يەنى 100 مىڭ يۈەن ئازايتىلىدۇ.
ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بۇ يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يەر خېتى بېجى مال- مۈلۈكنى يۆتكەش بېجىغا تەۋە بولۇپ، ئۆي قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئالاقىدارلار تۈزگەن توختامغا ئاساسەن، باھانىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە يېڭى ئۆي ئىگىلىرىدىن ئېلىنىدىغان بىر قېتىملىق باجنى كۆرسىتىدۇ.
بىر تورداش مۇنداق سوئال سورىدى:
قاچاندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ؟ ئۆينى سېتىۋالغان، لېكىن تېخى يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىغانلار مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ماڭسا بولامدۇ؟
جاۋابى كەلدى ↓
بەلگىلىمە بويىچە، يېڭى سىياسەت 12- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ كىشىنى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن ئۆينى سېتىۋالغان، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ھەممىسى يېڭى سىياسەت بويىچە بېجىرىلسە بولىدۇ.
يەنى ئۆي سېتىۋالغۇچى ئالدى بىلەن توردا ئىمزا قويۇپ، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئېتىبارلىق باج نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئۇزاق بولغان ئۆيىنى ساتسا، قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
يەر خېتى بېجىدىن باشقا، بۇ قېتىمقى سىياسەتنى تەڭشەش يەنە كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجىغا چېتىلىدۇ؛ ئۆي سېتىۋالغاندا ئېتىبار بېرىلىپلا قالماي، يەنە ئۆي ساتقاندا سىياسەت پايدىسىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەھەرلەردە ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي ئۆلچىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، شەخسلەر سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىل ھەم ئۇنىڭدىن ئۇزاق بولغان تۇرالغۇ ئۆيىنى ساتسا، قوشۇلما قىممەت بېجى بىردەك كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، بۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ تەسىرى، ئاساسلىقى، ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە ئادەتتىكى بولمىغان تۇرالغۇ ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش- قالدۇرماسلىقتا بولىدىكەن.
يۆكەي ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى لو جىخېڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە ئادەتتىكى بولمىغان تۇرالغۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىنكى يەر قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش قىسمەن شەھەرلەرنى ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە ئادەتتىكى بولمىغان تۇرالغۇ ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، 3- ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇغا بولغان ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق.
يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىلدى
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى سىياسەت خەلققە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، كارخانىلارغىمۇ پايدىلىق ئىكەن. سىياسەتتىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى بىر تۇتاش 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي- مۈلۈك تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ماس ھالدا، دۆلىتىمىزنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت بېجىدا ئالدىن ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن. يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن ئېلىشنىڭ تەڭشەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە ھەرقايسى جايلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى بىر تۇتاش 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ %1.5، ئوتتۇرا قىسىم ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىنىڭ %1، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ %0.5 بولدى.
جۇڭگو مالىيە پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تۇرالغۇ ئۆي بېجى سىياسىتىنى تەڭشەش تەرەققىيات سودىگەرلىرىگىمۇ پايدىلىق. تەرەققىيات سودىگىرى ئېچىش جەريانىدا يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ، ئۇ ئاۋۋال ئالدىن ئېلىنىپ، ئاندىن جەملەپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇلىدۇ، ئالدىن ئېلىش جەريانىدا، ئۇ تەرەققىيات سودىگىرىنىڭ مەبلىغىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ قېتىم مەيلى شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، غەربىي قىسىمدىكى قايسى رايون بولسۇن، يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 0.5 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىلدى، بۇنىڭ تەرەققىيات سودىگىرىنىڭ مەبلەغ بېسىمىنى پەسەيتىش ياكى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ، ئۆي- زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جۇ جىخۇا، تيەن چىيۇڭ)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)