قۇرغاق قۇملۇقتا موگۇ ئۆسەلەمدۇ؟ بۇ راست! يېقىندا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى شىنجاڭ تيېمېنگۇەن شەھىرى نەنتۈن بازىرىنىڭ بىر پارچە كۆممىقوناقلىقىدا، قۇرغاق قۇملۇقنىڭ بىر يېرى ئازراق كۆپۈپ قالدى، سىرتقى قەۋەتتىكى قۇمنى يانغا سېرىۋەتكەندە، ئەسلىدە ئاستىدا بىر نەچچە چوڭ موگۇ بار ئىدى! يەرلىك كىشىلەر بۇنى «جۇڭگونىڭ مەززىلىك موگۇسى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن ئىدى، كۆپچىلىك چوقۇم «موگۇ نەم مۇھىت بىلەن باغلىنىشلىق بولاتتى، قۇرغاق قۇمدىن قانداق قىلىپ موگۇ ئۆسۈپ چىقتى؟» دەپ ھەيران قېلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن؟ قېنى زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى!
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەر يىلى 3- ئايدىن 6- ئايغىچە ۋە 9- ئايدىن 11- ئايغىچە قۇملۇقتا موگۇ ئۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تېمپېراتۇرا تەخمىنەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەيدىكەن، شۇنداقلا بۇ بىر قانچە ۋاقىت بۆلىكىدە، دېھقان ئائىلىلىرى ئادەتتە ئېتىزدىكى چىلان، كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى سۇغارغاندا تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق، سۇمۇ جايىدا بولىدىكەن، قۇملۇقتا موگۇ ئۆسۈشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قۇملۇق موگۇسىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ موگۇ ئۈزگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ باركەن.
يېقىندا، شىنجاڭدا كۆچەت تىكىپ، قۇمنى تىزگىنلەۋاتقان بىر ئايال ئۆزىنىڭ خوتەندە قۇملۇقتىن كولاپ ئالغان چوڭ موگۇسىنى كۆپچىلىككە ھەمبەھىرلىدى.
شىنجاڭنىڭ قۇملۇق يېرىدە راستتىنلا موگۇ ئۆسەمدۇ؟ بەزىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمىدى، مانا بىرەيلەن توردا موگۇ كولىغان ئەمەلىي كۆرۈنۈشنى كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ بەردى.
ئىلگىرى نېفىتلىكتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئوتتۇرا تارىم مەشغۇلات رايونىدىمۇ موگۇ بايقىغان.
ئوتتۇرا تارىم مېتېئورولوگىيە پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ۋۇ شىنپىڭ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا موگۇ ئۆسۈپ چىقىشنىڭ سەۋەبىنى ئىلگىرى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «كۆپ يىللىق خىزمەت تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە موگۇ ئۆسۈپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا مەشغۇلات رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆكەرتىش خىزمىتىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىمۇ بارغانسېرى ئاشتى، بۇلار بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپلا قالماستىن، يەنە قىسمەن جايلارنىڭ كىلىماتىنى ياخشىلىدى، مەشغۇلات رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ نەملىك دەرىجىسى ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئەتراپتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈك يوق قۇملۇقلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى، بۇ، موگۇنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىنى تەدرىجىي يېتىلدۈردى.»
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)