لېڭ بوجۈن
ھەر قېتىم ۋېلىسىپىتلىك سەپەر قىلغىنىمدا، ئاشۇ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن، بىر جۈپ قولى يىرىك، چىرايىدىن ئاددىي- ساددىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ساددا چىراي تاغا، يەنە ئۇ ماڭا سۇنغان كونا يان تېلېفوننى ئەسلەپ قالىمەن.
بىر ھەپتە ئاخىرىدىكى چۈشتىن كېيىن، ھاۋا ئوچۇق ئىدى، ساۋاقدىشىم بىلەن ئېمېي دەرياسىنىڭ يېشىلزار يولىدا ۋېلىسىپىت مىنمەكچى بولۇپ، مەلۇم بىر جايدا كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن ۋېلىسىپىتىمگە مىنىپلا دېيىشىپ قويغان ئۇچرىشىش ئورنىغا ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدىم. بىر نەچچە مىنۇت، ئون مىنۇت، يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، دوستۇم تېخىچە كەلمىدى. بۇ چاغدا ئۆيدىن چىققۇچە يان تېلېفونۇمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى بايقىدىم. مەن تەقەززالىق بىلەن ساقلىدىم، ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ كۈتتۈم، ئەمما بىر سائەتچە ساقلىغان بولساممۇ، دوستۇم يەنىلا كەلمىدى. ئۆزۈم يالغۇز مىنىۋېرىشىم كېرەكمۇ ياكى بۇ يەردە داۋاملىق ساقلىشىم كېرەكمۇ؟ ئىككىلىنىش ئىچىدە، بىخەستەلىك قىلىپ يان تېلېفونۇمنى ئېلىۋالمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم.
بىرەرسىنىڭ يان تېلېفونىنى ئارىيەتكە ئېلىپ تېلېفون بېرىپ باقاي! ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە قاراپ، ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن مودا كىيىنگەن بىر ھەدىنى نىشانلىدىم. «ھەدە ياخشىمۇ سىز، تېلېفونىڭىزدا تېلېفون ئۇرۇۋالسام بولامدۇ؟» دەپ ئېھتىيات بىلەن سورىدىم. ئۇ ھەدە ماڭا لەپپىدە قاراپ قويۇپلا، ئالدىمدىن ئۇدۇل ئۆتۈپ كەتتى، بەكمۇ ئوڭايسىزلاندىم. بۇ چاغدا، چىرايىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرغان بىر بوۋاي قولىغا يان تېلېفون ئېلىپ ئۇدۇلدىن مېڭىپ كەلدى، مەن دەرھال كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بوۋا، مەن يان تېلېفونۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يان تېلېفونىڭىزنى ماڭا بېرىپ تۇرسىڭىز تېلېفون ئۇرۇۋالسام بولامدۇ؟» مەن يەنە رەت قىلىنىشتىن ئەنسىرەپ، ئاۋۋال چۈشەنچە بەردىم. بوۋاي ماڭا قاراپمۇ قويماستىن، يان تېلېفون تۇتقان قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە رەت قىلدى. ھەي، بەلكىم، ئۇلاردىن ئاغرىنماسلىقىم كېرەكتۇ. مەن پەقەتلا كوچىدىكى ناتونۇش ئادەم، باشقىلار نېمىگە ئاساسەن ماڭا ئىشەنسۇن؟
كۈن تاغ باغرىغا ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، كۆز ئالدىمدىن ۋېلىسىپىت مىنىپ تېزلىكتە ئۇيان- بۇيان ئۆتۈپ كېتىپ بارغانلارغا قاراپ، تېخىمۇ تىتىلداشقا باشلىدىم. «يىگىت، بىرەرسىنى ساقلاۋاتامسىز؟» قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيگەن، قولىدا تۇتۇۋالغان سۈپۈرگىسى بىلەن ياندا يەر سۈپۈرۈۋاتقان مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىسى تاغا مېنىڭ ئۇياق- بۇياققا قاراپ تەشۋىشلىنىپ تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا گەپ قىلدى. مەن ئۇنىڭغا ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى سۆزلەپ بەردىم. «مانا، مېنىڭ يان تېلېفونۇمنى ئىشلىتىڭ». ئۇنىڭ جەلپكار ئاۋازى ھاۋا ئارقىلىق قۇلاق پەردىلىرىمدىن ئۆتۈپ كاللامغا كىرىپ، بۇلبۇل ناۋاسىدەكلا يېقىملىق ئاڭلاندى. مۇھىت ئاسراش خىزمەتچىسى تاغا قارىماققا 50 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، بويى پاكار، چىرايى قارامتۇل، ماڭا يان تېلىفون سۇنغان قولى ناھايىتى يىرىك ئىدى، يان تېلېفوندا تېخى ئۇنىڭ بەدەن ھارارىتىمۇ بار ئىدى. شۇ دەقىقىدە، چەكسىز تەسىرلەندىم.
ئىككى قولۇم بىلەن يان تېلېفوننى ئالغىنىمدا، كۆڭلۈمدە تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان پەيدا بولدى. ئېھتىياتچانلىق بىلەن دوستۇمغا تېلېفون بەردىم، دوستۇمدىن ئاغرىنىش كەيپىياتىممۇ تامامەن يوقالدى. يان تېلېفوننى تاغىغا قايتۇرۇپ بەرگىنىمدە، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «تۈزۈت قىلماڭ»، دېدى، ئارقىدىن ماڭا بىر نەچچە ئېغىز نەسىھەت قىپ قويۇپلا، باش چۆكۈرۈپ داۋاملىق يەرنى سۈپۈرىۋەردى. كەچكى شەپەق ئۇنىڭ قارامتۇل قىزغۇچ يۈزىگە چۈشۈپ تۇراتتى، ئاقارغان چاچلىرى تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى، بويىمۇ خېلىلا ئېگىزلەپ قالغاندەك كۆرۈندى. ئاشۇ كۆرۈنۈش قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا مەڭگۈ ساقلىنىپ، خۇددى باھار شامىلىدەك مېنى ئىللىتىپ، مېنى ئۆزگەرتىپ كەلدى...
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن گاھىدا تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ياردەمگە، ئىشەنچكە، باشقىلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇشىغا موھتاج بولىدىغانلىقىنى چۈشەندىم، بۇنداق سەمىمىي ئاق كۆڭۈللۈك بۇ دۇنيانى ئىللىقلىققا، ئەۋرىشىملىككە ئىگە قىلىدىكەن، مەنمۇ باشقىلارغا ئىللىقلىق بېغىشلىيالايدىغان ئادەم بولىمەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سىچۇەن سىفەن داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى 2021- يىللىق 3- سىنىپ
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)