بېشى چوڭ بالا چوقۇم ئەقىللىق بولامدۇ؟
19:36:06 2024-11-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياشانغانلار بالىلارنى ماختىغاندا دائىم: «بۇ بالىنىڭ بېشى چوڭ، كېيىن چوقۇم ئەقىللىق بولىدۇ»، دېيىشىدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتە باش چوڭ بولۇشمۇ ئەقىل- پاراسەت، بەخت- سائادەت ۋە سەمىمىيلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بەلكىم كىشىلەر ھەمىشە بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ھالبۇكى چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، باشنىڭ چوڭ بولۇشى بىۋاسىتە ھالدا چوڭ مېڭىنىڭ ھەجىمى چوڭ دەپ قارىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى، تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇش بىلەن باغلىۋېلىنىدۇ.

ئۇنداقتا، باشنىڭ چوڭ بولۇشى چوقۇم چوڭ مېڭىنىڭ چوڭ بولۇشى ھەمدە ئەقىللىق بولۇشىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟

مېڭە سىغىمچانلىقى قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ

باشنىڭ چوڭلۇقى ھەمدە ماس كېلىدىغان چوڭ مېڭە ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقىنى بىز تېخىمۇ ئىلمىي بولغان بىر سۆز بىلەن، يەنى «مېڭىنىڭ سىغىمچانلىقى چوڭ» دەپ تەسۋىرلىسەك بولىدۇ.

مېڭە سىغىمچانلىقى پەرقى ھەقىقەتەن ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى ئەقلىي قابىلىيەت پەرقىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، چوڭراق چوڭ مېڭىدە تېخىمۇ كۆپ نېۋرون بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، تېخىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلما شەكىللىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇنداق باغلىنىش مۇقەررەر ئەمەس.

بىز بۇ پەرەزنى پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىغا كىرگۈزسەك، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ئىپار كىتنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىنسانلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەس، كالىنىڭ چوڭ مېڭىسى چاشقاننىڭ چوڭ مېڭىسىدىن 200 ھەسسىدىن ئارتۇق ئېغىر بولۇپ، شىمپەنزىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن ئېنىقكى، كالا شىمپەنزىدەك ئەقىللىق بولمايلا قالماستىن، ھەتتا كىچىككىنە چاشقانچىلىكمۇ ئەقىللىق ئەمەس.

چوڭ مېڭە سىغىمچانلىقى يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا تەڭ بولۇشى ناتايىن. جۇغى چوڭراق ھايۋانلارنىڭ ئادەتتە مېڭە سىغىمچانلىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، لېكىن بۇ كۆپ چىققان نېۋرونلار پۈتۈنلەي ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ بەدىنىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېتەرلىك مىقداردىكى نېۋرون يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى، لېكىن ئەكسىچە، يېتەرلىك كۆپ ساندىكى نېۋروننىڭ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارنى شەكىللەندۈرەلىشى ناتايىن.

ئىنسانلارنىڭ مېڭە سىغىمچانلىقى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئالىملار CT ۋە ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش (MRI) قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ مېڭە سىغىمچانلىقى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ قېتىم دەلىللىدى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا: چوڭ مېڭە سىغىمچانلىقى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەت ئوتتۇرا دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، كوررېلاتسىيە كوئېففىتسېنتى تەخمىنەن 0.30دىن 0.40كىچە بولىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېڭە سىغىمچانلىقى ھەقىقەتەن ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇنداق تەسىر بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى، ئەمەلىيەتتە، تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

تەپەككۇر سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولۇشى يولنىڭ قىسقا بولۇشىغا تايىنىدۇ

بولۇپمۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئۇلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

پەقەت نېۋرونغا تايىنىپلا ئەقلىي كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، بوۋاق تۇغۇلغاندا چوڭ مېڭىسىدىكى نېۋرونلار شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روشەن ئەقلىي ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشى ۋە ھېس قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئارىلىقتىكى نېۋرونلار ئارىسىدىكى يولنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلغاندىلا، ئەقلىي ئىقتىدارى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ. ھالبۇكى، سىگنال دەل مۇشۇ نېۋرونلار ئارىسىدىكى يولنى بويلاپ يەتكۈزۈش، ئالماشتۇرۇش جەريانى ئارقىلىق ئاتالمىش «تەپەككۇر»نى شەكىللەندۈرىدۇ.

شۇڭا، سىگنالنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى ئارىسىدا تارقىلىش يولى قانچە راۋان، قانچە تېز بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق سىگنالنىڭ يەتكۈزۈلۈش يولى قانچە قىسقا بولسا، ئەقلىي ئىقتىدارىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى كۆپ فۇنكسىيەلىك رايونغا بۆلۈنىدۇ، تەپەككۇر جەريانى كۆپ ھاللاردا كۆپ رايوننىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج بولىدۇ. ئالىملار ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلار ئارىسىدىكى سىگنال يەتكۈزۈش يولىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىخچام بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا سىگنال يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەقىللىق ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىنىڭ ھەقىقەتەن سەۋەبى بار.

ئۇنداقتا، چوڭ مېڭىدىكى ھەر خىل نېرۋىلارنىڭ ئۇلىنىشى قانچە كۆپ بولسا، ئادەم شۇنچە ئەقىللىق بولامدۇ؟

بەك كۆپ، بەك قالايمىقان يول ئەكسىچە بىزنىڭ سىگنال يەتكۈزۈش ئۈنۈمىمىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىمۇ يېتىلىش جەريانىدا ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، شۇنداقلا مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۆگىنىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆسۈكچە تېگىشمىسى ئۇلانغان سىگنال يولى كۆپىيىدۇ. لېكىن بارلىق ئۆسۈكچىلەر تېگىشمىسى ئۇلىنىشىنىڭ ھەممىسى پايدىلىق ئەمەس. يېتىلىش جەريانىدا ئۆسۈكچە تېگىشمىسى ئۈزلۈكسىز چاتىلىپ، پىكىر قىلىش ئۈنۈمىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

چوڭ مېڭىمۇ ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بالىلىق دەۋرىدىكى باشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ

گەرچە باشنىڭ چوڭ بولۇشى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، لېكىن بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى باشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ھەقىقەتەن بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، باش ئايلانمىسى ئىنتايىن مۇھىم ئۆسۈش كۆرسەتكۈچى بولىدۇ. ئەگەر باش ئايلانمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق ياكى كىچىك باش غەيرىيلىكى بولۇشى مۇمكىن، مېڭە سىغىمچانلىقى بەك كىچىك بولسا، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.

باش ئايلانمىسى بەك تېز ئېشىپ كەتسە، ئوخشاشلا مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. بالىنىڭ باش ئايلانمىسى بىنورمال چوڭايسا، چوڭ مېڭە غەيرىيلىكى، مېڭىگە سۇ يىغىلىش، كۆمۈرچەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، مېڭىگە سۇ يىغىلىش ۋاقتىدا داۋالانمىسا، بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، تىل ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125