بۈگۈن (11- ئاينىڭ 14- كۈنى)، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، 2025- يىللىق قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2025- يىللىق قاراردا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلار كۆلىمى 12 مىليون 220 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 430 مىڭ ئادەم كۆپىيىشى مۆلچەرلەنگەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە «2025- يىللىق قاراردا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 9- ئايدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر كۈزلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش ئورنى بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن، ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر 55 مىڭ مەيدان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 10 مىليون 930 مىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)