مائارىپ مىنىستىرلىقى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يەسلى مائارىپى قانۇنى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى. يەسلى مائارىپى قانۇنىدا يەسلى مائارىپىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى يەسلى مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان، ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك يەسلى مائارىپى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدىغانلىقى بەلگىلەندى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى خىزمەت قىلىدىغان ياكى ئولتۇراقلاشقان رايونغا يېقىن ئەتراپتىكى يەسلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىشىدە، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىمتىھان ياكى سىناقلارنى تەشكىللەشكە بولمايدۇ. بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى دەرس مەزمۇنىنى ئۆگەتمەسلىك كېرەك.