دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى سۈت ئىچسە بولمامدۇ؟
17:46:12 2024-11-15 تىيانشان تورى

  دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى سۈت ئىچسە بولمايدۇ؟

 ئۇنداق ئەمەس.

 دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى سۈت ئىچسە بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپرەك ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ساپ كالا سۈتى تەركىبىدە تەبىئىي لاكتوزا بار، بۇ، ساخاروزىغا ئوخشىمايدۇ، كالا سۈتى GI تۆۋەن يېمەكلىك بولۇپ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئىچسە تامامەن بولىدۇ. نۆۋەتتە، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي، ئاقسىل ۋە بەزى ياغ كىسلاتاسى 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارالماقتا. چۈنكى ئىنسۇلىن قويۇپ بېرىشتە كالتسىي بولمىسا بولمايدۇ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا ئاشقازان ئاستى بېزى β ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە ئىچى ۋە ھۈجەيرە سىرتىدىكى كالتسىي كۆلچىكىدىكى كالتسىي ئىئونىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسۇلىننىڭ نورمال قويۇپ بېرىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ؛ سۈت ئاقسىلى ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ياخشىلايدۇ.

 يەنە بەزى ھايۋانات تەجرىبىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە: يېتەرلىك كالتسىي چوڭ چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى، قان زەردابىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكەن ھەمدە يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كېسىلىنى ياخشىلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كونيۇگاتلىق لىنولېئىك كىسلاتا چوڭ چاشقاننىڭ يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كېسىلى ۋە يۇقىرى قەنتلىك قان كېسىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان.

 شۇڭا، قان شېكىرىنى كونترول قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپرەك سۈت ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125