ئىستېمالچىلار 11- ئاينىڭ 12- كۈنى سۇنىڭ يىگوۋ دوستلۇق يولى دۇكىنىدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تاللىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
«ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟» ھازىر بۇ سۆز ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزى بولۇپ قالدى.
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەتنىڭ سىياسىتى بويىچە توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا قارىتا، ئېنېرگىيە تېجەشتە ئۈنۈمى 1- دەرىجىلىك بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش باھاسى بويىچە يەككە مەھسۇلاتلارغا %20 بويىچە (ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن) ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئېنېرگىيە تېجەشتە ئۈنۈمى 2- دەرىجىلىك بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، يەككە مەھسۇلات سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە (ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن) ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
دۆلەت سىياسىتىدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ قوللاش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، يەر سۈپۈرۈش ماشىنا ئادىمى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەت قاچىسى قاپقىقى، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن ئىبارەت بەش خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنى ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، شۇنداقلا ئۆي جاھازلىرى ۋە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار قاتارلىقلارغا ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمال قىزغىنلىقى ئاشتى
«قوش 11»لىق مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا تىجارەتچىلەر، سۇپىلار سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭغا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش دۆلەت ياردەم پۇلى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دۆلەت ياردەم پۇلى» دېيىلىدۇ) قوشۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرى جانلاندى.
11- ئاينىڭ 12- كۈنى، خەيئېر، كاسادى، مېيدى، گېلى، مېيلىڭ، خەيشىن قاتارلىق ھەرقايسى داڭلىق ماركىلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بار خۇالىڭ خەلقئارا ئۆي جاھازلىرى جىزۈن دۇكىنىدا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە سېتىلىش باھاسى تاۋارنىڭ ئەسلىي باھاسىدىن خېلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بىر تەرەپتىن، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سىناپ باقسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ساتقۇچىلاردىن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار ياردەم پۇلى سىياسىتىنى سۈرۈشتۈردى.
شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ تور سىرتىدىكى دۇكانلارنىڭ سېتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھاۋا تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %420 ئاشقان. ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش سانلىق مەلۇماتىدىمۇ ھاۋا تەڭشىگۈچ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ كۆپ سېتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئىستېمالچىلار نېمە ئۈچۈن ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟ ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى ليۇ جىخەي مۇنداق دېدى: جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، ئۈرۈمچى بازىرىدا ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %10 - %20، شەرقىي قىسىمدىكى شەھەرلەر، شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردە بولسا %70 - %80. شۇڭا ئۈرۈمچى بازىرى ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئېھتىياجلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاۋا تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن سوۋۇتۇش، ئىسسىتىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلغاندىن باشقا، يەنە يېڭى تىپتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلەر بارلىققا كېلىپ، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارنى ھازىرلاپ، نۆۋەتتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ بازىرىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاشتى
مۇخبىر سۇنىڭ يىگوۋ، ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى، جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرى، جىڭدۇڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق سېتىش مەيدانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش مەيدانلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق مال سېتىش قىزغىنلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قوش 11»لىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەنبە، يەكشەنبىلىك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا كۈچ چىقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى %20لىك ياردەم پۇلىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى سىجىل يولغا قويغانلىقىنى بايقىدى. بۇ تەدبىرلەر ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ زور ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقى، تېخىمۇ ئاددىي سېتىۋېلىش تەرتىپى، تېخىمۇ كۆپ يېڭى سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
سۇنىڭ يىگوۋ ئېلان قىلغان «قوش 11»لىق ئىستېمالنى كۆزىتىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 11- كۈنىگىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ سېتىش مىقدارى %247 ئاشقان، دۇكانلاردىكى خېرىدار ئېقىمى %60 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىشى ئىنتايىن تېز بولغان، توڭلاتقۇ، 85 دىيۇملۇق چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور، دۈملەش، قاقلاش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن دوخۇپكىنىڭ سېتىلىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89، %155، %230 ئاشقان.
نۇرغۇن تىجارەتچى ئىستېمالچىلارنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تەۋسىيە قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، تېخىمۇ يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىتنى قوغدايدىغان، پەن- تېخنىكىلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، خېرىدارلارغا تېخىمۇ قولايلىق ھېس قىلدۇرغان مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
شىنجاڭ خەيئېر سەنجۇەن كۇلۇبىنىڭ باشلىقى خۇي خۇڭمېي مۇنداق دېدى: ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۇكىنىمىزدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشتى.
سىياسەت پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى
تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، ئېلېكتىرون تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار قاتارلىقلاردىمۇ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە زاكاز كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
11- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭشەن يولى خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېكران، يان تېلېفون قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى نۇرغۇن ياش ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدى. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەسلىي باھاسى 9000 يۈەندىن ئاشىدىغان خاتىرە كومپېوتېرنى ياردەم پۇلى ۋە ئېتىبار بېرىلگەندىن كېيىن 6800 يۈەنگە سېتىۋالدى.
شىنجاڭ خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتىنىڭ بازار دىرېكتورى جاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: كومپيۇتېر، ئاقىل ئېكرانغا %15 - %20 بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، يان تېلېفونغا ئوخشاش بولمىغان باھاغا ئاساسەن 200 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %60 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئەمەلىي تەدبىر ۋە سەمىمىيلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇردى. گۇرۇپپا- گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقىسىغا سىياسەت «بىرىكمە مۇشتى»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى يوشۇرۇنغان.
بۇ يىل 3- ئايدا گوۋۇيۈەن «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئىككىنى يېڭىلاش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ 7- ئايدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى 300 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ 8- ئايدا سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق ھەرقايسى جايلارنىڭ «8 + N» تۈرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، ھەربىرىگە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون بەش تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىسىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتناشقانلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن، يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا قاتناشقانلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1300 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، بانكا بىلەن كارخانا، سودا بىلەن كارخانا ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. (مۇخبىر گو لىڭ)