11- ئاينىڭ 10- كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ «كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» «قوش 11» كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى رۇيچۇاڭ باغچىسى ئىچىدىكى سودا كوچىسىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.
كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى نەق مەيدانى ئادەملەر بىلەن لىق تولۇپ، كەيپىيات قىزغىن بولدى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يان تېلېفون، توكسىكىلىت كۆرگەزمە رايونى، «دۆلەت تولۇقلىمىسى» ۋە «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتى دېگەن خەتلەر چاپلانغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار، نۇرغۇن ئاھالىنى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشكە جەلپ قىلدى، سودىگەرلەر قىزغىنلىق بىلەن مەھسۇلات ئىقتىدارى، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.