ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ
شىنجاڭدا دوپپا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماي، يەنە دائىم قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەرگە سوۋغا قىلىنىدۇ.
كېچىدىكى «دوپپا كوچىسى». ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ
دوپپا كوچىسى كۇچا شەھىرى رەستە كوچىسى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دوپپىلار بىلەن ئەتلەس ئۆزئارا ھۆسن قوشۇپ، كوچىنى بېزەپ تۇرىدۇ. كۇچا كونا شەھەر رايونىنى قوغداش ۋە مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئەگىشىپ، ساياھەت تونۇلۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، بۇ جايدىكى يېڭىدىن چىققان توردا ئالقىشلانغان يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان جايغا ئايلاندى.
شاڭخەيلىك ساياھەتچى شاڭ شياۋنەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، بىرەيلەننىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ دوپپا ساتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ چاغدىلا ھاياجانلاندىم، ھازىر ئاخىرى ئارزۇيۇمغا يېتىپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان دوپپىغا ئىگە بولدۇم».
«دوپپا كوچىسى». مېڭ ۋېنجىڭ فوتوسى
كۇچا شەھىرى رەستە كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باۋ گوخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: دوپپا كوچىسىدا ئىلگىرى دوپپا تىكىش دۇكىنى، موزدوزلۇق دۇكىنى، ناۋايخانا ۋە كونا چايخانىلار بار ئىدى. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە كۇچا ئاممىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ھالىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر بۇ كوچىدا كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشكە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشقا، كوچا ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى كوچىلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئەنئەنىۋى كوچا قىياپىتى ساقلاپ قېلىندى، بىر قىسىم خەتەرلىك، كونا ئۆيلەر رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەندى ۋە ئازراق ئۆزگەرتىلدى ھەم جانلىق پايدىلىنىلىپ، دوپپا، ئەتلەس، ساپال، مىس بۇيۇملارنى ياساش قاتارلىق ئەسلىي بار بولغان كەسىپ ھالىتىدىكى قول ھۈنەر دۇكانلىرى كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، ئامما ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ساياھەت تامىقى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
ئەخمەت موللەكنىڭ دوپپىچىلىق دۇكىنى دوپپا ۋە سەھنە كىيىملىرى بىلەن لىق تولغانىدى. ئۇنىڭ دوپپىچىلىق دۇكىنىدا مۇقىم سېتىش يولى ۋە خېرىدار مەنبەسى بار ئىدى، قىزى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، تاپشۇرۇۋالغان زاكاز بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇ بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان ساماۋار ئۇسسۇلى ۋارىسى. ئەخمەت دوپپا تىكىش بىلەن بىللە، ھەر كۈنى شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ساماۋار ئۇسسۇلى ئويناپ بېرىدۇ، «تېخىمۇ كۆپ كىشىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چۈشەندۈرۈش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم»، دېدى ئۇ.
ساياھەتچىلەر «دوپپا كوچىسى»دا سەيلە قىلماقتا. مېڭ ۋېنجىڭ فوتوسى
دوپپا نامى بىلەن ئاتالغان بىر كىچىك ھويلىدا، سىچۇەنلىك بىر نەچچە ساياھەتچى ئالاھىدە سىچۇەن قورۇمىلىرى ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلىرىگە ئېغىز تەگدى، ھويلىنىڭ ئىگىسى ۋاڭ چىنىڭ سىچۇەندىن كەلگەن قىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە قىزغىنلىق بىلەن ئىككى خىل قورۇما قوشۇپ بۇيرۇتتى. ئوخشاشلا سىچۇەندىن كەلگەن نىڭ شياڭجۈن «جيەنشى» نامىدا زىبۇ- زىننەت بۇيۇمى دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، دۇكانغا ھەر خىل كۈمۈش گۈللۈك ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى تىزىلغانىدى. نىڭ شياڭجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: كۈمۈش گۈللۈك زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش ھۈنەر- سەنئىتى 1700 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى كۈمۈش ئەسۋابلار ھۈنەر- سەنئىتىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن. 2008- يىلى 6- ئايدا، كۈمۈش گۈللۈك زىننەت بۇيۇمى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار بىر قەدەر يۇقىرى سەنئەت ۋە يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. «دوپپا كوچىسىدا ھەقىقىي سىچۇەن قورۇمىلىرىنى يېيەلەيدىغانلىقىمنى، يەنە چېڭدۇنىڭ كۈمۈش گۈللۈك زىننەت بۇيۇمى ياساش ھۈنىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن»، دېدى سىچۇەندىن كەلگەن ساياھەتچى لى شىنجۈن.
ساياھەتچىلەر «دوپپا كوچىسى»دا سەيلە قىلماقتا. مېڭ ۋېنجىڭ فوتوسى
ئەتلەس رەخت ۋە ئەتلەس پانۇس يوقلىمىدىن ئۆتۈش نۇقتىسىدا، ساياھەتچى ۋاڭ جۈەن ياخشى كۆرىدىغان رەختنى مۈرىسىگە قويۇپ، توختىماي ئەينەككە قاراۋاتاتتى. رەختنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزىل رەڭلىك ئەتلەس كۆڭلەك بۇيرۇتتى، «كۆڭلەك پۈتكەندىن كېيىن كىيسەم چىرايلىق چىقسا، مەن يەنە باشقا پاسوندىكىسىنى بۇيرۇتىمەن».
كۇچا چوڭ نېنى، مىسكەرلىك دۇكىنى، قەدىمىي كۈسەندىكى ساپال بۇيۇملار ئائىلىسى... دوپپا كوچىسىدا سەيلە قىلسىڭىز، يەنە نۇرغۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرەلەيسىز. مول مەزمۇنلۇق ئادىمىيەت مەنزىرىسى، مول تارىخىي يادىكارلىقلار كۇچانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشتىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە ۋارىسلىق قىلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.