ئۇنداق ئەمەس.
«ئاپتوموبىلنى قىزىتىش» ئاپتول، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىدىكى ماينى ئاپتوموبىلنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى بىلەن تولۇق ئۇچراشتۇرۇپ، ياخشى سىلىقلاش ھالىتىگە يەتكۈزۈپ، ئۇپراشنى ئازايتىدۇ. «ئاپتوموبىلنى قىزىتىش» يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىنى ئەڭ ياخشى خىزمەت تېمپېراتۇرىسىغا يەتكۈزۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش ئىقتىدارى ۋە گاز چىقىرىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
لېكىن ھازىر تېخنىكا تەرەققىي قىلغانلىقتىن، ئاپتوموبىل لايىھەلىگەندە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار نەزەرگە ئېلىنىدۇ، نۇرغۇن ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتوموبىلنى نورمال قوزغىتىپ، سىلىق ھەيدىسىلا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ھالىتىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلنى ئالايىتەن ئۇزاق ۋاقىت «قىزىتىش» ھاجەتسىز.
ھازىرقى توكلۇق، ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېنېرگىيە باتارىيەسى ئالدىن قىزدۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىسسىقلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولغاچقا، شوپۇرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئاپتوموبىلنى قىزىتىشى» ھاجەتسىز. ئوخشاش بولمىغان ئاپتوموبىل تىپلىرىدا ئازراق پەرق بولۇشى مۇمكىن، كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئامراق ئاپتوموبىلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى «ئاپتوموبىل قىزىتىش» تەكلىپىنى ئۆلچەم قىلسا بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)