ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان كارخانىلاردىن سېتىۋالغان 49 تۈرلۈك تاۋارغا باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ
ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»قا قاتناشقان سودىگەرلەرنى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە پائال رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ مول تاللاش بىلەن تەمىنلىدى.
ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە شەھەر ئاھالىلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان كارخانىلاردىن ئۆي بېزەكچىلىكى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى تاۋارلار، ئائىلە بۇيۇملىرى، ئۆي جاھازلىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان تاۋارلار قاتارلىق 49 خىل تاۋارنى سېتىۋالسا، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ، ھەربىر تاۋارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى سوممىسى 2000 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ (2000 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
جۈرەنجىجيا شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شىڭ جېنچياڭ مۇنداق دېدى: «ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرى كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلغان ئۆي بېزەكچىلىكى، ئۆي جاھازلىرى كارخانىلىرى كۆپەيدى. ھازىر 23 كارخانا تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى، ئۇلار ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ».
11- ئاينىڭ 13- كۈنى جۈرەنجىجيا گاۋتيې ۋوگزالى دۇكىنى، سودا سارايلاردا ھەرقايسى داڭلىق ماركىلىق ماللارنى ساتقۇچىلارغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئومۇملاشتۇرۇلدى.
يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىغا ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئەسلىدىكى ئون تۈرلۈك ئۆي بېزەكچىلىكى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى تاۋارلار، 13 تۈرلۈك ئائىلە بۇيۇملىرى تۈرى ۋە ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان تاۋارلار ئاساسىدا يېڭىدىن 15 تۈرلۈك ئۆي جاھازلىرى تاۋارلىرى، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان 11 تۈرلۈك تاۋارنى كۆپەيتتى ھەمدە مۇناسىپ بولغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى.بۇنىڭ بىلەن شەخسىي ئىستېمالچىلار ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى يېڭىلاش تاۋارلىرىنى سېتىۋالسا، بەھرىمەن بولىدىغان ياردەم پۇلى تۈرى 49غا يەتتى.
بۇ قېتىمقى ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى يېڭىلاش پائالىيىتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى كونا ئۆيلەرنى بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى قىسمەن ئۆزگەرتىش، ئائىلە بۇيۇملىرىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە كېرەكلىك بۇيۇم ۋە ماتېرىياللار ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشنى مەقسەت قىلغان.
خۇڭشىڭ مېيكەيلۇڭ شىنجاڭ 1- نومۇرلۇق دۇكىنى ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا كەڭ كۆلەمدە تۈرتكە بولدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىستېمالچىلار يەنە خۇڭشىڭ مېيكەيلۇڭدا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن ئىبارەت قوش نەپكە ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە كېرەكسىز، كونا ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرىنى تازىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
شۇاڭخۇ ئۆي جاھازلىرى دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ خەيلياڭ يوۋجيا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ جۈنيى مۇنداق دېدى: «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى تۈرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى دۇكىنىمىزغا كېلىدىغان خېرىدارلار كۆپەيدى، دۇكىنىمىزنىڭ سېتىش مىقدارى ۋە سېتىش سوممىسى بىردەك ئاشتى». خېرىدارلار ئۆي بېزىسە، ئاشخانا، ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرسا %15 ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، بۇ سىياسەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن زاۋۇتىمىزمۇ باھادا %20 ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، خېرىدار 10 مىڭ يۈەنلىك تاۋار سېتىۋالسا، جەمئىي %35كە يېقىن ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ، يەنى جەمئىي 3500 يۈەننى تېجەپ قالالايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئائىلە بېزەكچىلىكى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى خې شىگو مۇنداق دېدى: ئائىلە بېزەكچىلىكىدە زەنجىر ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ، كۆپ خىل كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل ئۆي جاھازلىرى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنىڭ ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كەسىپلەرمۇ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سىياسەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ساھە جەمئىيەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، مول، كۆپ خىل ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئىستېمالچىلارنى ئەمەلىي بولغان سىياسەت پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.