ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە دائىر پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياشانغانلارغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ئالتە جەھەتتىكى كونكرېت خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1
ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك
بۇ، تىجارەت تور نۇقتىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت تور نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلغاندا ياشانغانلار توپلاشقان رايونلارغا مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇش، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان ئەسلىھەلەرنى سەپلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پوكەي مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، نەق پۇل مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش، خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېتەكچى پىكىردە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياشانغانلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىشلىتىش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، نەق پۇل، قەغەز پۇل ئامانەت كىنىشكىسى، ئامانەت تالونى، سۇغۇرتا تالونى، كەسپىي دوكۇمېنت قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇسۇللىرىنى ساقلاپ قېلىش، ياشانغانلاردىن بانكا كارتىسى، ئالاقە تورى كۆچمە ئەپ دېتاللىرىنى ۋە ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلماسلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خېرىدارلارغا ۋاكالىتەن مەشغۇلات قىلماسلىق، پوكەي ئادەملىك مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىدىغان ياشانغانلارغا خېرىدارلار ئېقىم مىقدارىنى بۆلۈش نىسبىتى قاتارلىق باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنى تەسىس قىلماسلىق كېرەك.
2
ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك
بۇ، ئالاقە تورى ئەپ دېتاللىرىنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يان تېلېفون ئەپ دېتالىنىڭ مۇلازىمەت تەرتىپى ۋە ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاپتوماتىك مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنى كېڭەيتىپ قوللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3
ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى كۆپەيتىپ، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
بۇ، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش يېشىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىشىنى قوللاش، 70 ياش ھەم 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سۇغۇرتا كاپالىتى ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىش، ھەمدە سۇغۇرتا كاپالىتى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4
سېتىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياشانغان پۇل مۇئامىلە ئىستېمالچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك
بۇ، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، سېتىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىستېمال ئەرزلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5
پۇل مۇئامىلە بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، خاتىرجەم پۇل مۇئامىلە ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش كېرەك
بۇ، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئەسكەرتمە بېرىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6
كۆپ تەرەپ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئورتاق ئۆستۈرۈش كېرەك
بۇ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ چەكلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە ساھەلەرنىڭ تەلەپچان تەشكىلاتى رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى باسقۇچتا، يەنە ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا، ساھەلەرنىڭ ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، ياشانغانلارنى تېخىمۇ سەمىمىي، تېخىمۇ قولايلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز.
(باش تېلېۋىزىيە ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ۋاڭ لېي)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)