2024- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى كولومبىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ساياھەت تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 122- قېتىملىق يىغىنىدا، 2024- يىللىق «ئەڭ ياخشى ساياھەت يېزا- كەنتى» تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، دۆلىتىمىز ئىلتىماس قىلغان يۈننەننىڭ ئاجېكې كەنتى، فۇجيەننىڭ گۇەنياڭ كەنتى، خۇنەننىڭ شىبادۇڭ كەنتى، سىچۇەننىڭ تاۋپىڭ كەنتى، ئەنخۇينىڭ شياۋگاڭ كەنتى، جېجياڭنىڭ شىتوۋ كەنتى، شەندۇڭنىڭ يەندۈنجياۋ كەنتىدىن ئىبارەت يەتتە يېزا- كەنت تىزىملىككە كىردى، تىزىملىككە كىرگەن كەنت ئومۇمىي سانى 15كە يەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەت 24 دۆلەتنىڭ 48 يېزا- كەنتى تاللانغان. دۆلىتىمىز بۇ نۆۋەتتە تىزىملىككە يېزا- كەنتى ئەڭ كۆپ كىرگەن دۆلەت بولۇپ، تىزىملىككە كىرگەن يېزا- كەنت ئومۇمىي سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)