ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ تاماكا چېكىپ جازالانغان بىر ئەر مەمۇرىي دەۋا قىلدى شاڭخەي شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى: بىخەتەر يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشىغا تەۋە، مەمۇرىي جازا قارارى قانۇنلۇق
17:18:45 2024-11-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

نۇرغۇن كىشى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە شوپۇرنىڭ تېلېفون ئالسا، تېلېفون ئوينىسا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇنداقتا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تاماكا چېكىشچۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ئىچىدە تاماكا چېكىشىدىن كېلىپ چىققان جەرىمانە قويۇش ھەم مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش نارازىلىق ئەرزى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، بىرىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەسلىي ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالدى. بۇ ھۆكۈم شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تاماكا چېكىش قىلمىشىغا قارىتا چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارىنى قوللىدى.

2023- يىلى 9- ئايدا، ۋاڭ ئەپەندى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ تاماكا چەككەندە قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. قاتناش ساقچىسى ۋاڭ ئەپەندىگە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تاماكا چېكىشنىڭ بىخەتەر يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، ۋاڭ ئەپەندىگە 200 يۈەن جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاڭ ئەپەندى جازا قارارىغا ئىمزا قويغان. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى تورغا چىقىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نى كۆرۈپ، قانۇن ماددىلىرىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تاماكا چېكىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى ئېنىق بەلگىلەنمىگەنلىكىنى بايقاپ، شاڭخەي شەھىرى جىنشەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان. جىنشەن رايونلۇق ھۆكۈمەت پۈتۈن دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەۋا قىلىنغان جازا قارارىنى ساقلاپ قالغان.

ۋاڭ ئەپەندى قايىل بولماي، سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلىپ، سوت مەھكىمىسىدىن ئەيىبلەش جازا قارارى ھەم ئەيىبلەش قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى بىكار قىلىشقا ھۆكۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بىرىنچى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق قارىغان: تاماكا چېكىش جەريانىدا پەيدا بولغان ئىس شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىكى دىققىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چېچىۋېتىدۇ، شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشى ۋە يول قاتنىشىدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە بىخەتەر ھەيدەشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنداق ئەھۋالدا، قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە «بىخەتەر يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار»نى سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتكەن ھەم يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ئاساسەن 200 يۈەن جەرىمانە قويغان، پاكىتنى ئېنىق بېكىتكەن، قانۇننى تەتبىقلىشى توغرا، جىنشەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى قانۇنلۇق، قايتا قاراپ چىقىش قارارى توغرا، شۇڭا ۋاڭ ئەپەندىنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.

ۋاڭ ئەپەندى يەنىلا قايىل بولماي، شاڭخەي شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن مەزگىلدە تاماكا چەككەنلىكىدەك پاكىتقا باشقىچە پىكىردە بولمىغان، لېكىن بۇ قىلمىش يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە توسقۇنلۇق قىلمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، «زېھنى چېچىلىپ كېتىش، دىققىتى يۆتكىلىپ كېتىش» ئاسانلا ئاپتوموبىل كونتروللۇقىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، بىخەتەر يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. مەلۇم بىر قىلمىشنىڭ بىخەتەر يۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىنى بېكىتىشتە، بۇ قانۇننى چىقىرىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. تاماكا چېكىش قىلمىشى شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىكى دىققىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چېچىۋېتىدۇ، تاماكا چېكىش جەريانىدا پەيدا بولغان ئىسمۇ كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاماكا قالدۇقى ياكى تاماكا كۈلى چۈشۈپ كەتسە، شوپۇر شەرتلىك رېفلېكس سەۋەبىدىن ئاپتوموبىلنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلالمايدۇ، بۇ قىلمىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تېلېفون بېرىش، تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى كۆرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ زىيىنى بىلەن ئوخشاش ياكى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، بىخەتەر ھەيدەشكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ۋاڭ ئەپەندىگە چىقارغان ئەيىبلەش جازا قارارى قانۇنغا زىت ئەمەس، نامۇۋاپىق يېرى يوق. جىنشەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئەيىبلەش قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقىرىشى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.

شاڭخەي 1- ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى يىغىنچاقلاپ، يۇقىرىقى 2- سوت ھۆكۈمىنى چىقاردى.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125