ۋاڭ يۈخەن سىزغان
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار مېڭ شياڭجېن، شى مىن
ئوت ئويناش كىچىك مەسىلە ئەمەس، ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا بەدەل تۆلەيدۇ. يېقىندا، شىخەنزە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئوت قويۇش جىنايىتى دېلوسىدىن ئىككىنى سوت قىلىپ ھۆكۈم چىقاردى.
2021- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 12لەردە، شىخەنزە شەھىرىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا، جاڭ x بىنانىڭ 1- دەنيۈەنىدە لىفىتقا چىققاندا، لىفىتنىڭ كونترول تاختىسىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى كۆرۈپ، بىر نەچچە سېكۇنت سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز چاقماقنى چىقىرىپ قەغەز پارچىلىرىگە ئوت تۇتاشتۇرغان.
جاڭ x كىچىككىنە ئوت يالقۇنىنىڭ تېز سۈرئەتتە يامراپ، لىفىت ئىچىنى كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئىس- تۈتەك قاپلاپ، ئوت يالقۇنىنىڭ كۈچىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. لىفىتقا بىللە چىققان لى x دەرھال ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە لىفىتنىڭ توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىپ، جاڭ x بىلەن بىرلىكتە ئوتنى ئۆچۈرگەن.
گەرچە ئوت ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لىفىتنىڭ كونترول تاختىسىغا ئوت كېتىپ توك يولى ئۈزۈلۈپ، لىفىت ساندۇقىنىڭ كۇنۇپكىسى، كۆرسىتىش تاختىسى قاتارلىق 9800 يۈەن قىممىتىدىكى زاپچاسلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن.
«مەن بۇنى چوڭ زىيىنى يوق بىمەنە چاقچاق دەپ ئويلاپتىمەن». ئىشتىن كېيىن، جاڭ x خاتالىقىنى تونۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي- جاي مۇلازىمىتى شىركىتى بىلەن سۆزلەشكەن ھەمدە زىياننى تۆلەپ بەرگەن.
جاڭ xنىڭ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىشلىق بولۇپ، گۇڭئەن ئورگىنى ئارىلاشقاندىن كېيىن دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلىگەن. 2023- يىلىنىڭ بېشىدا شىخەنزە شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋابكار جاڭ x ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ مۇئەييەن بولمىغان كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە مال- مۈلكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئىشلىتىۋاتقان ئاھالىلەر بىناسىنىڭ لىفىتىغا قەستەن ئوت قويۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزدى، ئۇنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 114- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت قويۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى، دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، ئۈچ يىل ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ھۆكۈم قىلغان.
2021- يىلى 10- ئايدا شىخەنزە شەھىرىدىكى يەنە بىر ئولتۇراق رايوندىمۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، يۇقىرىقى دېلوغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، دەۋالاشقۇچى ئۆز ئۆيىگە ئوت قويغان.
جياڭ x روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 2021- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى سەھەر سائەت 1لەردە، ئۆيىنىڭ سىرتىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولىغا مىخلاش ئۈسكۈنىسىنى تۇتۇپ، ئىشىكتىن بۆسۈپ كىرىپ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىدەك خىيال قىلىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالغان. ئەتىگەن سائەت 7لەردە، ئۇ يەنىلا ئىشىك سىرتىدا ئادەملەر ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، «پايدىسىز ۋەزىيەت»نى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئۆيىدىكى يوتقان- كۆرپە، كىرلىك ۋە كونا گېزىت، خەت- چەك قەغىزى قاتارلىقلارنى دېرىزە تەكچىسىگە دۆۋىلەپ قويۇپ، چاقماق بىلەن ئوت تۇتاشتۇرغان.
ئىشتىن كېيىن، جياڭ x ئۆزىنى «ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىمەن» دېگەن، ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق گۇڭئەن ئورگىنى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلغان.
جياڭ x مۇرادىغا يەتكەن. مەھەللىدىكى ئامما ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ساقچىلار ھەم ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خادىملىرى ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، ئوتنى ئۆچۈرگەن.
2022- يىلى 6- ئايدا، شىخەنزە شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، جاۋابكار جياڭ x خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، قىلمىشىنىڭ مۇئەييەن بولمىغان كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ ھاياتى، سالامەتلىكى ۋە مال- مۈلكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا ئۆيىدە قەستەن ئوت قويۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزدى، ئۇنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 114- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت قويۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. دېلو يۈز بەرگەندە جياڭ x ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرىش ياكى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق يوقاتمىغان روھىي كېسەل بولۇپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جياڭ x جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان، ھەقىقەتەن جىنايىتىگە توۋا قىلىش ئىپادىسى بار، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئاخىرىدا، بۇ سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جياڭ xكە قانۇن بويىچە بىر يىل ئىككى ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يىل ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان.
دېلودىن ئىبرەت ئېلىش
بىخەتەرلىكتە كىچىك ئىش يوق، ھەرقانداق خەتەرلىك قىلمىش ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كەڭ ئامما ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، قانۇن- نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلماسلىقى، بىردەملىك ھاياجانلىنىش ياكى بىخەستەلىك قىلىش سەۋەبىدىن قانۇننىڭ قىزىل سىزىقىغا چېقىلماسلىقى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)