يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ
16:57:11 2024-11-18 تىيانشان تورى

 مائارىپ مىنىستىرلىقى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يەسلى مائارىپى قانۇنىغا چۈشەنچە بەردى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭىدىن يولغا قويۇلغان يەسلى مائارىپى قانۇنىدا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، يەسلى مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ سالاھىيەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، يەسلى باشلىقلىرى، پەرۋىش خادىملىرى، ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق خادىملىرى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

 تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەسلى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125