شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش 5 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە 10 مىڭ 300 ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ئىلتىماسى، 26 مىڭ ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 36 مىڭ 300 ئاپتوموبىل بولغان؛ 189 مىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلۇپ، 1624 توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى مەھسۇلاتىدىن 3065ى «يېڭىلىنىپ»، جەمئىي 5 مىليارد 830 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇنغان.
شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سودا ساھەسىدىكى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسى ئورناتتى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ چىقاردى. سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە بىر قاتار ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، قىسمەن ئىستېمالچىلارنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى شاللىۋېتىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يەنە ئۈچ دەرىجىلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ياردەم پۇلى مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاجرىتىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئاجرىتىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كۈندىلىك ھېساباتنى شۇ كۈنى تۈگىتىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىلسە دەرھال ئاجرىتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ۋە قولايلىقلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون سىياسەت سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش بوسۇغىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «داڭلىق ماركا كارخانىلىرى + ئىتتىپاقداش سودىگەر» شەكلى ئارقىلىق، قاتنىشىشنى خالايدىغان، تىجارىتى قېلىپلاشقان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.