ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ خەيبو، خۇاڭ شىڭ) 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر پۇتبول تۈرى مۇسابىقىسى چاڭشادا باشلاندى. شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى خۇنەن ئۆلكىلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا كەسكىن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى كوماندا 0:0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىن كېيىن، نۇقتا توپ جېڭىگە كىردى، شىنجاڭ كوماندىسى 5كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر پۇتبول تۈرى مۇسابىقىسىدە، ئۇچىسىغا يېشىل رەڭلىك كوماندا كىيىمى كىيگەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇداپىئەدە تۇرماقتا. سۈرەتنى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن
ئەرلەر پۇتبول تۈرىدە جەمئىي 16 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە تۈزۈمىگە ئاساسەن، ھەر بىر گۇرۇپپىدا تۆت كوماندا بولۇپ، تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈندى، گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككى كوماندا سەككىز كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىرىپ، گىرەلەشمە مۇسابىقىدە 1- لىكتىن 8- لىككىچە تالىشىدۇ، گۇرۇپپىدىكى 3- ، 4- ئورۇندىكى كوماندا گىرەلەشمە مۇسابىقىدە 9- لىكتىن 16- لىككىچە تالىشىدۇ، شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭ، جىلىن، بېيجىڭ كوماندىسى D گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.
تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر پۇتبول تۈرى مۇسابىقىسىدە، ئۇچىسىغا يېشىل رەڭلىك كوماندا كىيىمى كىيگەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇداپىئەدە تۇرماقتا. سۈرەتنى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن
11- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىنجاڭ كوماندىسى جىلىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 17- چېسلادىكى مۇسابىقىدە جىلىن كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭىدە بېيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. كېيىنكى بۇ مەيدان مۇسابىقە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى ئۈچۈن ئوخشاشلا چوقۇم غەلىبە قىلمىسا بولمايدىغان مۇسابىقە ھېسابلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)