11- ئاينىڭ 17- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتى سەنيادا ئۆتكۈزۈلدى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن 107 مەشئەل يەتكۈزگۈچى «دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا» يولىدا كۈچ ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەشئەل يەتكۈزۈشنى تاماملىدى.
مەشئەلچىلەر، پىدائىيلار، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى، سەنيا شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.
تور سىرتىدا مەشئەل يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە توردا مەشئەل يەتكۈزۈشمۇ رەسمىي ئاخىرلاشتى. 10- ئاينىڭ 9- كۈنى مەشئەلنى توردا يەتكۈزۈش كىچىك پىروگراممىسى قوزغىتىلغاندىن باشلاپ، 11- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 24كىچە، 39 كۈن داۋاملاشتى، مەشئەلنى توردا يەتكۈزۈش كىچىك پىروگراممىسى 12 مىليون 460 مىڭ 857 ئادەم (قېتىم) چېكىلدى، ئىككى مىليون 118 مىڭ 940 ئادەم ( قېتىم ) تىزىملاتتى، بىر مىليون 914 مىڭ 591 ئادەم (قېتىم) مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكە، رايون، شەھەرنى قاپلىدى.
(باش ئىستانسا مۇخبىرلىرى جۇ يۇڭ، ما لى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)