ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن تىكىلگەن دەرەخ ئېلىنسا، ئاجراشقاندا تۆلەم پۇلى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟
16:52:54 2024-11-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر يې ۋېنگۇي

سىز بىلەمسىز؟ توي قىلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ شەخسىي مال- مۈلكىڭىز ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىگە ئايلىنىپ قېلىشى ياكى قىسمەن ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. يېقىندا، بىڭتۇەن 4- شى قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق ئاجرىشىش دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچى ۋۇ x (ئايال)نىڭ ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال- مۈلكىنى بۆلدى.

2012- يىلى، 4- شىدىكى ئامما ۋۇ ×  باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ۋاڭ × بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن تىزىملىتىپ توي قىلغان، ئىككىلىسىلا قايتا تۇرمۇش قۇرغانلاردىن ئىدى. تويدىن بۇرۇن ۋۇ ×نىڭ 4000 تۈپ تېرىكى (2004- يىلى تىكىلگەن)، 6950 تۈپ چىلان دەرىخى (2011- يىلى تىكىلگەن) بار ئىدى. تويدىن كېيىن، ئەر- خوتۇن بۇ كۆچەتلەرنى ئورتاق باشقۇردى. 2020- يىلى 9- ئايدا، بۇ كۆچەتلەرنى شۇ جايدىكى تۇەن- مەيدان قانۇن بويىچە ئېلىۋالغان، ۋۇ x 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم پۇلى ئالغان.

تويدىن كېيىن، ئەر- خوتۇن ئىككىسى دائىم ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار تۈپەيلىدىن بىر- بىرىگە قول تەگكۈزۈشۈپ قالاتتى،  2023- يىلى 5- ئايدا، ۋاڭ x قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئۆيلىنىشتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىپ، ۋۇ xتىن ئۆزىگە 800 مىڭ يۈەن كۆچەت تۆلەم پۇلى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ۋۇ × كۆچەت مېنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى شەخسىي مال- مۈلكۈم دېگەننى باھانە قىلىپ، بۇ تۆلەم پۇلىنى بۆلۈشكە قوشۇلمىدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەر- خوتۇن بىر تەرەپنىڭ شەخسىي مال- مۈلكى توي مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكىگە ئايلانمايدۇ. لېكىن، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى >نىڭ ئۆيلىنىش- ئائىلە قىسمىنى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1)»نىڭ 26- ماددىسىدا، ئەر- خوتۇن بىر تەرەپنىڭ شەخسىي مال- مۈلكىنىڭ تويدىن كېيىن ھاسىل بولغان پايدىسىدىن تۇغۇندى ۋە تەبىئىي ئاشقان قىممەتتىن باشقىلىرىنى ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكى دەپ بېكىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

ئۇنداقتا، 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كۆچەت تولەم پۇلى ۋۇ xنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولامدۇ ياكى ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق مال- مۈلكى دەپ بېكىتىش كېرەكمۇ؟

كۆچەتنىڭ ئۆسۈش جەريانىنى ئادەم كۈچى بىلەن پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بولمىسا قىممەت ياراتقىلى بولمايدۇ. سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، دېلوغا چېتىشلىق كۆچەتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋۇ x بىلەن ۋاڭ xنىڭ تويدىن كېيىن ئورتاق پەرۋىش قىلىپ ئاسرىشىدىن بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆچەتلەرنى باشقۇرۇش چىقىمى ئەر- خوتۇننىڭ ئورتاق كىرىمىدىن كەلگەن. شۇڭا، كۆچەتنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە پەيدا بولغان پايدىسى تەبىئىي ئاشقان قىسمىغا كىرمەيدۇ، ۋۇ x ئېرىشكەن 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كۆچەت تۆلەم پۇلى ۋاڭ xنىڭ كۆچەت باشقۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان يۈرەك قېنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، ئۇ بۇ بىر قىسىم تۆلەم پۇلىغا قارىتا ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: كۆچەتلەرنى ئاددىي ھالدا ۋۇ ×نىڭ تويدىن ئىلگىرىكى شەخسىي مال- مۈلكى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. ۋۇ x، ۋاڭ xنىڭ كۆچەت باشقۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان تىجارەت خاراكتېرلىك قەرز، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىت قاتارلىق ئوبيېكتىپ ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئىككىيلەننى ئۆيلىنىشتىن ئاجرىشىشقا ھۆكۈم قىلدى ھەم ئەھۋالغا قاراپ ۋاڭ xكە يۇقىرىقى تېرەك ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى، يەنى 10 مىڭ يۈەننى بۆلۈپ بەردى؛ يۇقىرىدا ئېيتىلغان چىلان دەرىخى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 20 پىرسەنتىنى، يەنى 310 مىڭ يۈەننى بۆلۈپ بەردى. يىغىپ ئېيتقاندا، ۋاڭ x جەمئىي 320 مىڭ يۈەن كۆچەت تۆلەم پۇلىغا ئېرىشتى.

ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، ۋۇ x قايىل بولماي، 4- شى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇندى، رەت قىلىنغاندىن كېيىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىڭتۇەن شۆبىسىگە قايتا سوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى، بىڭتۇەن شۆبە سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قايتا سوت قىلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقاردى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125