كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئۈنۈم بەردى، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلدى
11:45:35 2024-11-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بۇ يىل شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىدىكى قىزىق نۇقتىلىق سۆز بولۇپ قالدى. ھازىر، شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ يېشىل ئىستېمالىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە كۈچ قوشتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە 10 مىڭ 300 ئاپتوموبىل بىراك قىلىشقا تاپشۇرۇلغان، 26 مىڭ ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 36 مىڭ 300 ئاپتوموبىل بولغان؛ 189 مىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇلغان، 1624 توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى مەھسۇلاتىدىن 3065ى «يېڭىلانغان» بولۇپ، جەمئىي 5 مىليارد 830 مىليون يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.

سىياسەت كۈچ قوشۇپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى

شايار ناھىيەسى ئاھالىسى جاڭ پېڭخۇينىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدىكى توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش يىل چېكى بىردەك ئون يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن ئۈستىلەپ بەھرىلىنىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، جاڭ پېڭخۇي شايار ناھىيەسى بېيجىڭ يولى جياخې ئەشيا ئوبوروتى پورتىدىكى مەلۇم داڭلىق ماركىلىق ئېلېكتىر سايمانلىرى تور سىرتى ئەمەلىي دۇكىنىغا كېلىپ ئاتا- ئانىسى ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان تېلېۋىزور، كىرئالغۇ قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى.

«توڭلاتقۇغا 2000 يۈەن ئېتىبار قىلدى، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئاز دېگەندىمۇ 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئېتىبار قىلىدىكەن، خېلى كۆپ پۇل تېجەپ قالدۇق» دېدى جاڭ پېڭخۇي.

ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتى ئىچىدە، شايار ناھىيەسى ياردەم پۇلى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال يېڭى ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتى. ھازىرغا قەدەر، 67 سودىگەر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كەسپىدە 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى.

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ يىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، سودا ساھەسىدە ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىقلار بويىچە «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېلان قىلدى. سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر قىسىم ئىستېمالچىلارنىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى شاللاش، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇردى.

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يەنە يەرلىكنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىر كۈچى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىستېمال بازىرىدىكى قىزغىنلىقنى ئاشۇردى. بۇ تەدبىرلەر مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

11- ئاينىڭ 11- كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە يەنە كۈچ قوشۇپ، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ماي كارتىسى ياردەم پۇل بېلىتىدىن 4200نى توردا تارقىتىپ، ئىستېمالچىلارغا «ئەمەلىي» ئېتىبارنى بىۋاسىتە يەتكۈزدى. ئىستېمالچىلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغاندا، ئاپتوموبىل باھاسىغا ئاساسەن 2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغان قىممەتتىكى ماي كارتىسى ياردەم پۇل بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالدى.

پائالىيەت مەزگىلىدە، سانجى ئوبلاستىدىكى 45 نۇقتىلىق ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىسى ئاكتىپ قاتناشتى، ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىسىلا، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ياردەم پۇل بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالالايدۇ ھەم پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئىشلىتىپ، ماي قاچىلاش ئېتىبارىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دۆلەتنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ياردەم پۇل بېرىش سالمىقىنى زورايتىش ۋە مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ ساھەدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى. سىياسەت ئارقىلىق ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدىغان بۇ كاتتا ئىش ئىستېمالچىلارنى ئەمەلىي ئېتىباردىن بەھرىلەندۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە تىجارەتچىلەرنىڭ مەھسۇلات سېتىش باھاسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مال باھاسىنى ھە دەپ ئۆستۈرۈۋېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توستى. بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان تىجارەتچىلەرگە قارىتا باھانى نازارەت قىلىپ، سىياسەت پايدىسىنىڭ كەڭ ئىستېمالچىلارغا ئەمەلىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مۇلازىمەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان «يېشىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا يەتكۈزۈش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش» پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. نەق مەيداندا پائالىيەتكە قاتناشقان ئامما كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا مۇۋاپىق باھا قويۇپ يىغىۋېلىشتىن بەھرىلىنىپلا قالماي، يەنە يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندا قوشۇمچە ئېتىبار ۋە ياردەم پۇلغا ئېرىشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى خې كەيخۇ نەق مەيداندا بىر دۇخۇپكا سېتىۋالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق خېلىلا پۇل تېجىگىلى بولىدىكەن، ئۆيدىكى كونا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرساق، ھەم ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى، ھەم مۇھىتنى قوغدىغىلى بولىدىكەن».

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ «قىممىتى» يۇقىرى، قانداق قىلغاندا ئىستېمالچىلارنىڭ خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟ ھەرقايسى جايلار يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «كونىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ ئاسان بولغان، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان» مېخانىزم ئورنىتىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمال ياردەم پۇل سىياسىتى چىقىرىلغاندىن بۇيان، كۇچا شەھەرلىك سودا ئىدارىسى شۇ جايدىكى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ساتىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ كۆلىمى ۋە سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تىجارەت ئىناۋىتى ياخشى، يېتىشتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، تەشۋىقات تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ جاينىڭ ھۆكۈمەت تورى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، ۋىيشىن توپى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى سىجىل كېڭەيتتى.

كۇچا شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قۇربانجان تۇراق مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىرغىچە، كۇچا شەھىرىدە جەمئىي 97 كارخانا، يەككە تىجارەتچى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بازار ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.

تىجارەتچىلەر مال سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشقاندىن سىرت، يەنە مۇۋاپىق پەيتتە كۆپ تۈرلۈك خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

يېقىندا، كۇچا شەھىرى ۋەنلۇڭ لۇڭدى ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنىڭ كىچىك يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، تىجارەت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى. بۇ شىركەتنىڭ خېرىدارلار دىرېكتورى ياڭ شۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلىدىن باشقا، زاۋۇت يەنە 6000 يۈەن ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى قوشۇپ، دۇكاندا سۇغۇرتا سوۋغا قىلىش، ئاپتوموبىل ئاسراش مۇلازىمىتىنى سوۋغا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ۋە قولايلىقتىن بەھرىلەندۈردى.

كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سىجىل يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمال بازارلىرى ئۈزلۈكسىز جانلاندى. ھەرقايسى جايلاردىكى سودا تارماقلىرى، ئالاقىدار كارخانىلار قاتارلىقلار سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

11- ئاينىڭ 14- كۈنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە بانكىسى 2024- يىللىق ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش» ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئىستېمالچىلارنى سىياسەت پايدىسىدىن دەل جايىدا مەنپەئەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار يىغىنغا قاتناشقان كارخانىلارغا ياردەم پۇل ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ھەم ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.

قۇرۇلۇش بانكىسى ئىلى ئوبلاستلىق شۆبە بانكىسى تور پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ خەيدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىياسەت ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. ئەمدىلا باشلانغان ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش»قا بېرىلگەن ياردەم پۇل سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى. قۇرۇلۇش بانكىسى «قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرمۇش» سۇپىسىغا تايىنىپ، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش» ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

توسۇق نۇقتىلار ئېچىلىپ، تەرتىپ راۋانلاشتۇرۇلدى

11- ئاينىڭ 9- كۈنى، شىخو شەھىرى جياشىن سودا چەكلىك شىركىتىدە، ئاپتوموبىل سېتىش خادىمى خېرىدارلارغا ئاپتوموبىل ياردەم پۇلى سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

67 ياشلىق شىخو شەھىرى گەنخېزى بازىرى ياڭجا جاڭزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پەرھات مەمەت ئۆزىنىڭ ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرماقچى بولدى.

«يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ماي سەرپىياتى تۆۋەن، يېشىل، مۇھىت بۇلغىمايدۇ، ھازىر ئالماشتۇرسام 18 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ئەرزان توختايدىكەن ھەم ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىكەنمەن» دېدى پەرھات مەمەت.

ھازىرغىچە، شىخو شەھىرىدە جەمئىي 80 كارخانا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەم چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، شىخو شەھىرى ئارقا سۇپىدا تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇرلارنىڭ ۋاقتىدا، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ بېكىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى ھەم تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى شۇ كۈنى ئېنىقلاپ شۇ كۈنى تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار سۇپىلار بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، كارخانىلار سۇپىدا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

شىخو شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت- ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياڭ جىسەي مۇنداق بىلدۈردى: ئىستېمال ئىلتىماسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئىستېمالچىلار ھەم كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل سوممىسىنىڭ ۋاقتىدا، دەل جايىدا تارقىتىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

قانداق قىلغاندا ئىستېمال توسۇق نۇقتىلىرىنى ئېچىپ، بازار تەرتىپىنى راۋانلاشتۇرۇپ، «كونىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ ئاسان» «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقىرى- تۆۋەن ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ يېڭىلىنىپ دەۋر ئالمىشىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرۇش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش»قا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودا ساھەسىدە بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»دىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ۋە نەقلەشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. سۇپا قۇرۇلۇشى جەھەتتە، سىياسەتنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە دۆلەتنىڭ سالماقنى زورايتىش سىياسەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ياردەم پۇل مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاجرىتىلغان مەبلەغنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى. بۇ تەدبىرلەر ياردەم پۇلنى نەقلەشتۈرۈش قەرەلىنى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ۋە قولايلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

قومۇل شەھەرلىك سودا ئىدارىسى كارخانىلار بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى ئېھتىياجى ۋە قىيىنچىلىقىنى تولۇق ئىگىلىدى. مۇشۇ ئاساستا، گۇڭئەن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مالىيە، تەمىنات- سودا قاتارلىق كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ياردەم پۇلنى نەقلەشتۈرۈش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش قاتارلىق تەرتىپلەرنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قومۇل شەھىرى يەنە ياردەم پۇل سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى زاۋۇتلارنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى «كۈچ قوشۇپ» ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارغا ئەمەلىي پايدا يەتكۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسەت سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ ئادىل، ھەققانىي ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125