شىن شىجيەن
«<ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق دەل شەكىلۋازلىق> دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك»، بۇ، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى ئۈرۈمچىدە ئاچقان يىغىندا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ. بۇ سۆزنىڭ نۇرغۇن «تەلەپ» ئىچىدە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغان، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلمايدىغان، شەكىل ئۈچۈن قۇرۇق ئىش قىلىدىغان شەكىلۋازلىق ھەقىقەتەن كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ.
بىز نېمە ئۈچۈن شەكىلۋازلىقتىن نەپرەتلىنىمىز؟ ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئۇ ساختىلىق قىلىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلمايدۇ. شەكىلۋازلىق خۇددى سۆڭەككە چاپلاشقان مەرەزگە ئوخشاش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. «مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى»، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق دەل ئەڭ چوڭ شەكىلۋازلىق.
ھازىر، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى ئالدىدا، شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى بىر - بىرلەپ كۈچەپ تۈگەتمەكتە. لېكىن بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا يەنىلا مۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت: خىزمەتلەر قىزغىن قانات يايدۇرۇلىدۇ، تۈرلۈك يىغىنلار ئۈزۈلمەيدۇ. ھالبۇكى، قارىماققا ئالدىراشتەك كۆرۈنىدىغان بۇ يۈزەكىي كۆرۈنۈشنىڭ ئارقىسىدا، ھەل قىلىنغان «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» مەسىلىلەر كۆپ ئەمەس، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغان.
مەسىلەن، بەزى جايلار «خەلقنى مەركەز قىلىش»نى ھە دېسىلا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، لېكىن ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان يۇندى يولى توسۇلۇپ قېلىش، پار ئىسسىماسلىق قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئۇزاققىچە كەينىگە سۆرەپ ھەل قىلمايدۇ؛ يەنە مەسىلەن، بەزى جايلار چوڭ - كىچىك يىغىنلاردا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تەكىتلەيدۇ، ئەمما كارخانىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىلتىماس - تەلەپ، دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارغا قارىتا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لايىھەسى كەمچىل...
ئەمەلىيەتتە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە شەكىل ئۈچۈن قۇرۇق ئىش قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغان ياكى يۈزەكى مەسىلىلەرنىلا ھەل قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلمايدىغان ھادىسىلەرنى كۆرىمىز. بەزىلىرى مەسىلىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنىلا ھەل قىلىپ، جاھىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلمايدۇ؛ بەزىلىرى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يۇقىرىغىلا قاراپ، تۆۋەندىكىلەر بىلەن كارى بولماي، يۇقىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ھەل قىلىش - قىلماسلىقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ؛ بەزىلىرى قارىماققا «ھەقىقىي ھەل قىلغاندەك» كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سان توپلاپ، سۈپەتكە سەل قاراپ، ئۇزاق مەزگىلگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ...
بۇ تۈرلۈك قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى كەم - كوتسىز شەكىلۋازلىق. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى بايلىقىنى ئىسراپ قىلىدۇ، بايلىق سېلىنمىسىغا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان ئەمەلىي مەسىلىلەر بولسا ھەل بولمايدۇ.
كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ئىش قىلماسلىق ئىستىلى بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى دەستۇر» دەپ قارىلىپ، بىر قىسىم ئورۇن، تارماقلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، پۇختا ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ رەسمىيەتچىلىك قىلمايدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ، سىياسىي ئېكولوگىيەگە نىسبەتەنمۇ بىر خىل بۇزغۇنچىلىق. شۇڭا جەزمەن «ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق دەل شەكىلۋازلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، زېھنىنى ئاسان «سىياسىي نەتىجە» ياراتقىلى بولىدىغان يۈزەكى ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى توسۇش كېرەك.
ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىشتا، رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلدىمۇ - يوق؟ قانچىلىك ئەمەلىي مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى؟ ئەمەلىي مەسىلىلەر قايسى دەرىجىگىچە ھەل قىلىندى؟ ئاممىنىڭ تەسىراتى قانداق، باھاسى قانداق؟ يۇقىرىقىلارنى خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۈزەكى ئىش قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلماسلىق قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك چۆچۈتۈش كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، شەكىلۋازلىقنى ھەقىقىي توسۇپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتتە ئىشلارنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولغىلى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ.