قۇرۇلۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى
11:52:57 2024-11-18
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
11- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭ گۇيشىن مۇھىت قوغداش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 200 مىڭ توننا كالتسىي ئاليومىنات ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قۇرۇلۇشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ تۈرگە جەمئىي 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ قۇرۇلىدۇ، كېلەر يىلى 6- ئايدا پۈتۈشى مۆلچەرلەندى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى زىيانسىزلاندۇرۇپ، بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر:
阿力米热·艾尼