2024- يىللىق قىشلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، 11- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى- لەنجوۋ- ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.
ئۈرۈمچى- لەنجوۋ- ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر چارشەنبە بىردىن نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىش- كېلىش ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى UQ2643 بولۇپ، سائەت 07:00دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:00دا لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 11:30دا لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 14:50تە ياجۇاڭ جىنلەن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2644 بولۇپ، سائەت 15:50تە ياجۇاڭ جىنلەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:35تە لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدۇ، سائەت 23:05تە لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 01:55تە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا قونىدۇ.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى- لەنجوۋ- ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتى توردا سېتىلىشقا باشلىدى، لەنجوۋدىن ياجۇاڭغا بېرىش يەككە مۇساپىسىنىڭ بېلىتى 900 يۈەندىن، ياجۇاڭدىن لەنجوۋغا بېرىش يەككە مۇساپىسىنىڭ بېلىتى 560 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن ياجۇاڭغا بېرىش يەككە مۇساپىسىنىڭ بېلىتى 1200 يۈەندىن، ياجۇاڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىش يەككە مۇساپىسىنىڭ بېلىتى 1220 يۈەندىن باشلىنىدۇ (يۇقىرىقى باھا باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، يولۇچىلار ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى باشقۇرغۇچى تور بېكىتى، ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى، 24 سائەتلىك بېلەت سېتىۋېلىش قىزىق لىنىيەسى 95334 ۋە ھەرقايسى چوڭ ھوقۇق بېرىلگەن ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق تەكشۈرسە، بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)