ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى «ئاپتونوم رايوننىڭ <بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش يىلى> پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، يولغا قويۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولغان «بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش يىلى» پائالىيىتىنى باشلىدى.
بەدەن ئېغىرلىقى سەۋىيەسى ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت ۋە قىسمەن راك قاتارلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قۇرامىغا يەتكەن ئاھالىلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %34.05، سېمىزلىك نىسبىتى %24.20 بولۇپ، بۇلار يوشۇرۇن ساغلاملىق خەۋپىگە ئايلانغان. ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئېڭى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سوزۇلما كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۆتكىلىنى ئالدىغا يۆتكەشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 14 تارماق بىرلىكتە بۇ لايىھەنى تۈزۈپ چىقتى.
لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2019- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە بولغان بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى ۋە سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، 2024- يىلىدىن 2026- يىلىغىچە قۇرامىغا يەتكەنلەر، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش نىسبىتى ۋە سېمىزلىك نىسبىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى ئاساسىي لىنىيە ئاساسىدا ئومۇمىي جەھەتتىن %10 تۆۋەنلىتىش كېرەك. لايىھەدە ساغلاملىق تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلقنى بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئۈنۈم- ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇناسىپ تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ، «بودەككە ئايلىنىپ قېلىش»، «بايرامدا سەمىرىش»، «تەتىلدە سەمىرىش» قاتارلىق بەدەن ئېغىرلىقى مەسىلىلىرىگە ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردى.
لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ساغلاملىق ئۆيىنىڭ مەھەللىلەرنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ساغلاملىق ئاساسىي تېما باغچىسى، ساغلاملىق پىيادىلەر يولى، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى قوللاش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەھەللىنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتى بار رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا خاس بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ بېرىشىنى قوللاش كېرەك. ساغلام ئورۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورۇنلارنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ئۇل ئەسلىھە ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە ئىلھام بېرىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى تەنتەربىيە سارىيىنى قۇرۇپ، تەنتەربىيە سارىيى ئىچىدىكى تۈرلەرنىڭ خىلى، تىپىنى كۆپەيتىش كېرەك. ھازىر بار بولغان ئاممىۋى تەنتەربىيە سارايلىرى، شارائىتى بار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرىنى ئاھالىلەرگە ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېچىۋېتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. ساغلام ئاشخانا، ساغلام تاماقخانا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ ئىچىدە تۇز مىقدارى يۇقىرى، شېكەر مىقدارى يۇقىرى ۋە ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى سېتىشنى كونترول قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىنىڭ ھەر قايسىسىدا ئاز دېگەندە بىر سائەت تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «بىرلىكتە 10 مىڭ قەدەم» ساغلاملىق مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مۇسابىقىسى، «ساغلام شەھەر- بازار، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى بىلەن ساغلاملىق باشقۇرۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشقا ئۈنۈملۈك قاتنىشىپ، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۇدا ھەرىكەت ھالىتىدە يىغىپ تەھلىل قىلىدىغان ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش تەكلىپى بىلەن تەمىنلەيدىغان كۆچمە قوللىنىشچان پىروگرامما (APP) ۋە كىچىك پىروگراممىلارنى ئېچىشقا ئىلھام بېرىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، 3- دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش ياكى سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش مەركىزى تەسىس قىلىشنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشقا 2- دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى خاسلىقى بولغان سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشنى كېلىشىملىك مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، كېلىشىم ئىمزالىغان ئاھالىلەرنى خاسلاشتۇرۇلغان مۇۋاپىق غىزالىنىش، ئىلمىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ۋاقتىدا يېتەكلەش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمىتى بويىچە نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش تۈرىنى پۇختا ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمى بويىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر- يېزىلاردىكى نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنى ھەقسىز مۇناسىپ ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، بالىلارنى ئىلمىي بېقىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بەدەننىڭ ئۆسۈشىنى سىجىل كۆزىتىپ، ئوزۇقلۇق ماددا قوبۇل قىلىشى، ھەرىكەت (پائالىيەت) قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېمەك- ئىچمەك بىلەن ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشى ۋە سېمىزلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)