30 نەپەر ھۈنەرۋەن شىنجاڭ داشۆدە كەشتىچىلىك بويىچە تەربىيەلىنىدۇ
11:45:31 2024-11-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جيا چۇنشيا) 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، 2024- يىللىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى تەتقىقات تەربىيەلەش پىلانى شىنجاڭ داشۆدە كەشتىچىلىك بويىچە تەربىيەلەش تۈرى (2024- يىلى 1- قارارلىق) كۇرسىدا شىنجاڭ داشۆدە دەرس باشلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن 30 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەشتىچىلىك ئۇستىسى بۇ يەردە بىر ئاي تەربىيەلىنىدۇ.

كۇرسانت پەرۋىزە ئابلىكىم ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا. سۈرەتنى شىنجاڭ داشۆ شىنجاڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات- تەربىيەلەش تۈرى گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن

 2016- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆ شىنجاڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرگە يۈزلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. سىستېمىلىق تەربىيەلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، مىڭغا يېقىن ۋارىسنىڭ كەسپىي ماھارىتى ئۆسۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك كېڭىيىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۇختا ئىختىساسلىقلار ئاساسى سېلىندى.

كۇرسانتلار بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. سۈرەتنى شىنجاڭ داشۆ شىنجاڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات- تەربىيەلەش تۈرى گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125