ئۈرۈمچىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمبەھرە باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى توشۇغۇچىلارنىڭ «مۇساپە ئەندىشىسى»نى ھەل قىلدى
16:36:10 2024-11-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ يۆ) 11- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ۋەيمەي توشۇغۇچى تاماقنى يەتكۈزۈپ بولۇپ، توكسىكىلىتىنى يېقىن ئەتراپتىكى تيېتا توشۇغۇچىلار ئائىلىسى چاڭشا يولى دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا توختاتتى. ئۇ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ساۋما قىلىشى بىلەن باتارېيە ئىشكاپىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ئارقىدىنلا، ئۇ توكسىكلىت ئورۇندۇقىنى ئېچىپ، ئەپچىللىك بىلەن كونا باتارېيەنى ئېلىپ يېڭى باتارېيەگە ئالماشتۇردى.

11- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مېيتۇەن توشۇغۇچى تيېتا باتارېيە ئالماشتۇرۇش، توشۇغۇچىلار ئائىلىسى چاڭشا يولى دۇكىنىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمبەھرە باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئىشكاپىنىڭ ئالدىدا باتارېيە ئالماشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ فوتوسى

 نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈپ بېرىش كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، بازار كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيدى، پۈتۈن شەھەر بويىچە ۋەيمەي يەتكۈزۈپ بەرگۈچىلەر 12 مىڭدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سانى يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. ھالبۇكى، ئۇلار توكسىكلىت مىنىپ چوڭ- كىچىك كوچىلارنى ئارىلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا قولايلىق بېرىش بىلەن بىللە، توكسىكلىت توكى يېتىشمەسلىك، توك قاچىلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش، توك قاچىلاش مۇھىتى بىخەتەر بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا دائىم دۇچ كەلدى، بۇ، يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتتى.

 جۇڭگو تيېتا پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك شۆبە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى يىڭچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇلازىمىتى سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت 6000دىن ئارتۇق خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتىدىن پايدىلىنىپ، خەۋەرلىشىش مۇنارىنى رەقەملىك مۇنارغا ئايلاندۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمبەھرە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇردى. بەش يىلدا، شىركەت شىمالىي شىنجاڭنىڭ قەھرىتان سوغۇق كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان «تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چىداملىق، ئۆزى قىزىتالايدىغان» لىتىيلىق باتارېيەدىن 24 مىڭ گۇرۇپپىدىن ئارتۇقنى سېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك باتارېيە ئالماشتۇرۇش تورى قۇردى.

 بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تيېتاسىنىڭ پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 300دىن ئارتۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمبەھرە باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى توشۇغۇچىلارنىڭ «مۇساپە ئەندىشىسى»نى ھەل قىلىشىدىكى قولايلىق «ماي قاچىلاش پونكىتى»غا ئايلاندى.

 ئىگىلىنىشىچە، ھەر بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەمبەھرە باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا ئىككى گۇرۇپپىدىن ئۈچ گۇرۇپپىغىچە باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئىشكاپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئىشكاپى ئالماشتۇرغان باتارېيەگە ۋاقتىدا تيوك قاچىلايدىكەن. بىر باتارېيە ئالماشتۇرۇش ئىشكاپى بىرلا ۋاقىتتا 12 توشۇغۇچىنى توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن، بىر باتارېيە ئالماشتۇرۇش پونكىتى بىر كۈندە 200دىن 300گىچە توشۇغۇچىغا مۇلازىمەت قىلالايدىكەن.

 «پونكىت كۆپ، ئايلىق باتارېيە ئالماشتۇرۇش ھەققى 299 يۈەن، ئۈنۈمى يۇقىرى، بىخەتەر ھەم ئەرزان ئىكەن». شۇنفېڭ تۇڭچېڭ توشۇغۇچىسى قادىر بۇنىڭدىن بەك رازى بولدى. ئۇ، «مۇساپە ئەندىشىسى» بولمىغاندا، ھەر كۈنى 10دىن 20گىچە زاكازنى ئارتۇق قوبۇل قىلىپ، كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ سانجى، باگاڭغىچە يەتكۈزۈپ باققان ئىكەن.

11- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر نەچچە يەتكۈزگۈچى تيېتا باتارېيە ئالماشتۇرۇش، يەتكۈزگۈچىلەر ئائىلىسى چاڭشا يولى دۇكىنىدا ئارام ئالماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ فوتوسى

 قادىرنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، باتارېيە ئالماشتۇرۇش قولايلىق بولغاندىن سىرت، جۇڭگو تيېتا ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەتكۈزگۈچىلەر ئائىلىسى، دەم ئېلىش ئۆتىڭىدىن ئۈچنى تەسىس قىلىپ، يىل بويى سىرتتا چېپىپ يۈرىدىغان يەتكۈزگۈچىلەرگە ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق يەتكۈزدى. بۇ يەردە ھەقسىز ئىسسىق سۇ، تور، توكسىكلىت رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بار بولۇپ، بۇ جاي پوچتا، شۇنفېڭ، يۈندا، مېيتۇەن، ئېلېما قاتارلىقلارنىڭ يەتكۈزۈپ بەرگۈچىلىرى ئۈچۈن جەم بولىدىغان جايغا ئايلاندى. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125