كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمال بازىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى
13:23:33 2024-11-19 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئۈرۈمچىدە 297 كارخانا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 2 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى

 ئۈرۈمچىدە 297 كارخانا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، 2 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق قويۇپ بېرىلدى.

 مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتتىن خەۋەردار قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.

 11- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 3313 ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماسى، 8810 ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئىلتىماسى، 49 مىڭ 986 ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىش ئىلتىماسى، 34 مىڭ 17 ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىغا ئاپتونوم رايون ياردەم پۇلى بېرىش ئىلتىماسى، 188 توكلۇق ۋېلىسىپىتكە دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىش ئىلتىماسى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىدىن 1068ىگە دۆلەت ياردەم پۇلى بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈنۈمى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئىستېمالچىلارنىڭ ماتېرىيالى تولۇق، ئۆزگەرتىشى ھاجەتسىز بولغان ئەھۋالدا، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ۋە ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە ياردەم پۇلىنى ئالالايدۇ؛ سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى ۋە توكلۇق ۋېلىسىپىتنى دۇكاندىن سېتىۋالغاندا ياردەم پۇلىدىن شۇ ھامان بەھرىمەن بولالايدۇ؛ بەش چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا ئىلتىماسنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئىككى سائەت ئىچىدە ئىستېمال بېلىتى ئالالايدۇ.

 مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە كۆپلىگەن 4S دۇكانلىرىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىشتا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، بىراك قىلىش، يېڭىسىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئاپتوموبىل سېتىش بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش مۇلازىمىتىنى بىۋاسىتە دۇكان ئىچىدە بېجىرىشنى يولغا قويغانلىقىنى بايقىدى. تۈرلۈك ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بىلەن زاۋۇت ياردەم پۇلى قوشۇلۇپ، بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئېتىبار بېرىلدى، ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى ۋە خېرىدارلار ئېقىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى بازىرىدا سېتىش خادىملىرى تاۋارلارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلارغا «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئېتىبار سىياسىتىنى تونۇشتۇردى.

 ھازىر پۈتۈن شەھەر بويىچە جەمئىي 297 كارخانا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل كارخانىسىدىن 172سى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسىدىن 79ى (219 دۇكان)، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى كارخانىسىدىن 40ى (186 دۇكان)، توكلۇق ۋېلىسىپىت كارخانىسىدىن 17سى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125