قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ئانامنىڭ زاۋۇتتىكى بۇرۇنقى چاغلىرى
17:23:21 2024-11-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ياڭ جۈن

 ئانامنىڭ ئالبومىدا سارغىيىپ كەتكەن بىر پارچە كونا سۈرەت بار بولۇپ، ئۇ 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا ئانامنىڭ بالىلىقتىكى دوستى بىلەن زاۋۇتتا بىللە چۈشكەن سۈرىتى ئىدى. سۈرەتتە ئۇلار گىتار كۆتۈرۈۋالغان، ئۇششاق گۈللۈك يوپكا كىيگەن بولۇپ، كۆزلىرىدىن شۇ دەۋرگە خاس سېھرىي كۈچ ۋە سالاپەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.

بۇنى AI تېكىستنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ سىزغان.

 مېنىڭ ئېسىمدىكى بالىلىق چاغلىرىمغا دائىر خاتىرىلىرىمدە زاۋۇتنىڭ ئىزنالىرى قالغان ئىدى. قارا رەڭلىك ئۈسكۈنىلەر، رەت- رەت خىش قىزىل رەڭگىدىكى مەشغۇلات سېخلىرى، ئاق سىرلانغان ئامبارلار، يەنە قارىغاي، ئارچا، تاغ گۈللىرى بىلەن قاپلانغان گۈللۈكلەر ئەسلىمەمدىكى زاۋۇت قىياپىتىنى سىزىپ چىقاتتى. بىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىدىكى قەدىمىي كىچىك بازاردا، بوۋام تۇنجى تۈركۈمدە تىجارەتكە ئاتلانغان كىشى ھېسابلىناتتى، كېيىن ئاتا- ئاناممۇ بوۋام بىلەن بىللە يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سايمانلىرىنى ياساش زاۋۇتىنى بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ئىدى. مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغان ئىدىم.

 زاۋۇتتىكى نۇرغۇن ئىشداشلار بازاردىكى كىشىلەر، شۇنداقلا ئاتا- ئانامنىڭ بالىلىقتىكى دوستلىرى بولۇپ، ئانام ھەر كۈنى ئۇلار بىلەن بىللە ئاقما لىنىيەدە ئىشلەيتتى. ئانام گۈل- گىياھ تېرىشنى ياخشى كۆرەتتى، زاۋۇتتىكى پارچە- پارچە بوش يەرلەرمۇ ئاستا- ئاستا كىچىك گۈللۈككە ئايلانغانىدى؛ بوۋام ئىشچىلارغا بىر توپ مەيدانى ياساپ بەرگەنىدى، بوش ۋاقىتلاردا كۆپچىلىك ئۇ يەردە ئەركىن- ئازادە گىتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىشاتتى. مېنىڭ نەزەرىمدە، بەخت كۆز ئالدىمدىكى ئاشۇ دەقىقە ئىدى.

 مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئانام ھەر تەتىلدە مېنى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشداشلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە بۇيرۇدى. ئەمگەك دېيىلگىنى بىلەن، بىر قىسىم ئاددىي قول مەشغۇلاتى ئىدى. ھەر بىر قەدەم- باسقۇچقا كۆڭۈل قويۇشقا توغرا كېلەتتى، بولمىسا ھۈنەر- سەنئەت ھالقىلىرىنى قىسقارتىۋەتكەنگە ئوخشاش، سەللا دىققەت قىلمىسا پۈتكۈل مەھسۇلات بىكار بولۇپ كېتەتتى. ئۇ چاغدا، نۇرغۇن ئىشداش ئۇستازلار مېنى ئىش ۋاقتىغا دەخلى قىلدى، دەپ مازاق قىلغانىدى، لېكىن مەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەنزىرىنى ئويلىسام، كۆپ نەپكە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىمەن.

 ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ئىشداش ئۇستازلار ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى، ماڭا بەزى كىچىك ماھارەتلەرنى ئۆگىتەتتى، دائىم ماڭا چاقچاق قىلاتتى ياكى مەن بىلەن «مۇسابىقىلىشەتتى». ئېسىمدە قېلىشىچە، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئانام دائىم ئۆزى يالغۇز زاۋۇتتا قېلىپ گەپ قىلماستىن، ئۈن- تىنسىز تەكشۈرۈپ، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلىرىمنى بىر- بىرلەپ ئىلغاپ چىقاتتى. ئەتىسى سەھەردە، بۇ لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى ئىشداشلىرىم كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى. ئانام ئەينى چاغدا مېنى ئەيىبلىمىگەنىدى، لېكىن ئۇنىڭ ماڭا دېگەن ھەر بىر ئېغىز گېپىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلىدىم. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقۇشۇمدىن قەتئىينەزەر بەرداشلىق بېرەلىشىم ئانامنىڭ ماڭا بەرگەن «قىممەتلىك بايلىق»ىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئانام دائىم، چېلەك ياساش ھۈنەر- سەنئىتى ناھايىتى ئاددىي، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ، پەقەت ئەستايىدىل بولۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىسەكلا، قايتا ئىشلەشكە ئۇنچە كۆپ بۇيرۇلمايدۇ، دەيتتى.

 خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، دائىم ئىچىم تىتىلداپلا يۈردۈم، ياكى كەسپىي بىلىمگە پىششىق بولماي كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئاز نەتىجە ياراتقاچقىمۇ ياكى كۆپ قېتىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەچكىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلدىم، كۆپ ھاللاردا ۋاز كەچكۈم كەلدى، لېكىن ئاشۇ چاغلارنى ئەسلىسەملا، ئالدىمدىكى يولدا داۋاملىق ماڭىدىغانلىقىمنى، چەتنەپ كەتمەيدىغانلىقىمنى، توختاپ قالمايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم.

 ۋاقىت شىلدىرلاپ ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، سۈكۈتلەر ئىچىدە نۇرغۇن ئىش غايىب بولىدۇ. كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم، زاۋۇت يوقكەن، ئۇنىڭ ئورنىدا يېڭى مەكتەپ قەد كۆتىرىپ تۇرۇپتۇ. ھازىر، زاۋۇتتىكى ھەر بىر ئىللىق دەقىقە، دائىم كاللامدا داۋالغۇپ تۇرىدىغان بولدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چېڭدۇ لايىھەلەش يۇرتى

  پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125