«نىقابلىنىش ئۇستازى»نى پەرق ئېتىپ، تارقىلىشچان زۇكام توغرىسىدىكى خاتا قاراشلارنى تۈگىتەيلى
12:23:03 2024-11-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

نېمە ئۈچۈن تارقىلىشچان زۇكامنى «نىقابلىنىش ئۇستازى» دەيمىز؟

1. ئۆزگىرىشچانلىق خۇسۇسىيىتى يۇقىرى: تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى بىر قانچە RNA پارچىسىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ ئۇلاردا گېننىڭ تېز سۈرئەتتە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ۋە قايتا گۇرۇپپىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋىرۇسنىڭ سىرتقى يۈز ئانتىگېنى (مەسىلەن، قان ئۇيۇتقۇچى ماددا HA ۋە نېرۋا ئامىنازا NA)نىڭ كۆپ قېتىم ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئانتىگېنلىق ئۆزگىرىش تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى پارازىت ئىگىسىنىڭ ئىممۇنىتېتلىق پەرق ئېتىشى ۋە تازىلىشىدىن قاچۇرۇپ، كىشىلەر توپىنىڭ ئىممۇنىتېت توسۇقىنى قايتا- قايتا ئۈنۈملۈك بۇزۇپ تاشلاپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ: تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئۆزگىرىش مېخانىزمى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە قوبۇل قىلغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا كېسەل پەيدا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارازىت ئىگىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئانتىتېلاسى قاراتمىلىق ھالدا تۆۋەنلەپ، ئانتىتېلا ۋىرۇسنى يوقىتالمايدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزگەرگەندىن كېيىن ۋىرۇس ئىنتېرفېرونغا قارشى تۇرۇپ، ئىنتېرفېروننىڭ ۋىرۇسقا قارشى رولىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ ئۆزىنى قاچۇرۇش تاكتىكىلىرى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ پارازىت ئىگىسى ئىچىدە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ماسلىشىشچانلىقى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ: A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تۈر توسالغۇسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى پارازىت ئىگىسىدە ئۈنۈملۈك يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىشتىكى ماسلىشىشچانلىقنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىگە ئېرىشىپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ماسلىشىشچان تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى ئوخشاش بولمىغان پارازىت ئىگىلىرى ئارىسىدا تارقىتىپ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

4. ئىممۇنىتېتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مېخانىزمى: تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كۆپ خىل ماكان ئىگىسىگە ماسلىشىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نۇسخىلىنالايدىغان ۋە تارقىلالايدىغان بولدى، ئۇنىڭ زەھەر كۈچى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى ئاساسلىقى بىر نەچچە خىل ۋىرۇس ئاقسىلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ PB2 ئاقسىلى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ JAK1سىنى نىشانلىق پارچىلاپ، پارازىت ئىگىسى توسالغۇ ماددىسىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئاقسىل قويۇپ بېرىلىشىنى توسۇپ، ۋىرۇسنىڭ پارازىت ئىگىسىنىڭ تۇغما ئىممۇنىتېتلىق ئىنكاس قايتۇرۇش رولىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكام توغرىسىدىكى بۇ خاتا قاراشلارغا ئەمدى ئىشەنمەڭ

كىشىلەرنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا بولغان تونۇشىدىكى خاتا قاراشلار، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى خاتا قاراش: تارقىلىشچان زۇكام ئادەتتىكى زۇكام بىلەن ئوخشاش

بۇ بىر دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش. تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، ئادەتتىكى زۇكامغا ئوخشىمايدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە بىر قەدەر يېنىك، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، يۇقىرى قىزىتما، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار ئاغرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ھەم تارقىلىشچان زۇكام ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئىككىنچى خاتا قاراش: تارقىلىشچان زۇكام ئېغىر بولمىسىلا ۋاكسىنا ئەملىتىش ھاجەتسىز

ئەمەلىيەتتە، تارقىلىشچان زۇكام ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىسىنى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ۋاكسىنا ئەملىتىش تارقىلىشچان زۇكام ھەم ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئادەمنى تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ

كۆپ ئۇچرايدىغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ تەركىبىدە ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋىرۇس بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەملىگەندىن كېيىن پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان يېنىك بىئاراملىق، مەسىلەن، ئاغرىش ياكى يېنىك قىزىش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى خاتا قاراش: تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئېغىر ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ

تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، ئېغىر ئەكس تەسىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

بەشىنچى خاتا قاراش: ۋاكسىنا ئەملىگەندە تارقىلىشچان زۇكام بولمايدۇ

گەرچە ۋاكسىنا قوغداش بىلەن تەمىنلىسىمۇ، لېكىن تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن، ۋاكسىنا ئەملەشتە تارقىلىشچان زۇكام بولماسلىققا تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ۋاكسىنا كېسەل بولۇش خەۋپى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، لېكىن تولۇق ئىممۇنىتېتلىيالمايدۇ.

ئالتىنچى خاتا قاراش: تارقىلىشچان زۇكام پەقەت كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدىلا تارقىلىدۇ

تارقىلىشچان زۇكام پەقەت كۈز ۋە قىش پەسلىدىلا تارقالمايدۇ. گەرچە شىمالدىكى رايونلاردا ئادەتتە ھەر يىلى 1- ئايدىن 2- ئايغىچە يۇقىرى پەللە كۆرۈلسىمۇ، جەنۇبتىكى ئۆلكىلەردە يۇقىرى پەللە ئادەتتە 4- ئايدىن 6- ئايغىچە بولسىمۇ، لېكىن تارقىلىشچان زۇكام پۈتۈن يىلنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا يۈز بېرىدۇ.

يەتتىنچى خاتا قاراش: قاۋۇل كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام بولمايدۇ

بۇ بىر خاتا قاراش. تېنى ساغلام كىشىلەرمۇ تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ زىيادە چارچىغان، قورسىقى ئاچقان ياكى كۆپ تەرلىگەندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋېلىش پۇرسىتى بولىدۇ.

سەككىزىنچى خاتا قاراش: تارقىلىشچان زۇكامنى ئادەتتىكى زۇكام قاتارىدا داۋالاش

تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئادەتتىكى زۇكامنى ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامغا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك، ئانتىبىيوتىك دورىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا ئۈنۈمى بولمايدۇ.

توققۇزىنچى خاتا قاراش: ئاچچىقسۇ بىلەن ئىسلاش قاتارلىق «خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپ»لارغا تايىنىپ تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئاچچىقسۇ بىلەن ئىسلاش قاتارلىق ئۇسۇللار تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالمايدۇ، تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى باكتېرىيە ئەمەس، سىركە كىسلاتاسى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ. قارىغۇلارچە ئاچچىقسۇ بىلەن ئىسلاش بەزى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئادەتتىكى زۇكامغا سېلىشتۇرغاندا، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېغىر، تارقىلىش سۈرئىتىمۇ تېز بولىدۇ. ئۇ يۇقىرى قىزىتما، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتىلىش، گال ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا ئۆپكە ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلار، سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تارقىلىشچان زۇكام ئەجەللىك تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك، ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپىغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى تازىلىق ئادىتى بولغاندىلا، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تەھدىتىدىن ئىمكانقەدەر ساقلانغىلى بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125