− «ئەڭ ئىللىق چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت مەنزىرە رايونى» سىزنى قارشى ئالىدۇ
سۈرەتلەردە: 11- ئاينىڭ 16- كۈنى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
11- ئاينىڭ 16- كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەنسەندىكى چاڭغا تېيىلىش يوللىرىدا ئۇچقاندەك چاڭغا تېيىلىشىغا ئەگىشىپ، چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ 2024 − 2025- يىللىق قار پەسلىدىكى تىجارىتىنى باشلىدى.
شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرى پىڭشىلياڭ كەنتىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا ئاپئاق قار يولى خۇددى كۈمۈش رەڭلىك لېنتىغا ئوخشاش ياپيېشىل تاغ تىزمىلىرىغا باشقىچە تۈس قوشقانىدى. ئارقا- ئارقىدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ چاڭغا تېيىلىش ماھارىتىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «تۇنجى تېيىلىشنى كۈتۈۋاتقىنىمىزغا ئۇزاق بولغانىدى، ئەتىگەندىلا نەچچە دوستىمىز بىلەن بىللە چاڭغا تېيىلغىلى كەلدۇق، ئېگىز تاغ چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ بالدۇرراق ئېچىۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى چاڭغا تېيىلىش تەسىراتىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ».
نۆۋەتتە، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار پەسلىدىكى ئاساسىي شارائىتنى ھازىرلاپ، 1-، 2- نومۇرلۇق چاڭغا تېيىلىش يولىنى ئېچىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە 3- نومۇرلۇق سەيلە قىلىش ئاسما ۋاگونىمۇ ئېچىۋېتىلدى. چاڭغا تېيىلىشتىن باشقا، ساياھەتچىلەر يەنە ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ گۈزەل قار- مۇز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلسا بولىدۇ. يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى ماركا مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جۇاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «11- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە ئىستىراھەت رايونىمىزنىڭ سىناق تەرىقىسىدە چاڭغا تېيىلىش مەزگىلى بولۇپ، بىز 99 يۈەن \ ئادەم ئالاھىدە چاڭغا تېيىلىش ئېتىبار باھاسى ۋە 68 يۈەن \ ئادەم سەيلە قىلىش ئاسما ۋاگونى ئالاھىدە ئېتىبار باھاسى پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق. ھازىر ئىستىراھەت رايونىمىز قار ھاسىل قىلىش مەشغۇلاتىنى تېزلىتىۋاتىدۇ، كېيىنكى باسقۇچتا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئاممىغا ھەرقايسى قار تېيىلىش يوللىرىنى ئېچىۋېتىمىز».
شۇيشىگوۋ بازىرى دۇڭۋەن كەنتىدىكى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ئىككى- ئۈچتىن بولۇپ چاڭغا تېيىلىش يولىدا ئۇچقاندەك تېيىلىپ، قار- مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن چەكسىز خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
فۇجيەندىن كەلگەن ساياھەتچى يەن ياۋمىڭ مۇنداق دېدى: «قارنى كۆرۈپ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم، ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا قار تېيىلسا بەك قالتىس بولىدىكەن».
بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى سۈن يۈمياۋ مۇنداق دېدى: 11- ئاينىڭ 16- كۈنى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىزدا 2024- 2025- يىللىق قار پەسلىدىكى تۇنجى چاڭغا تېيىلىش باشلاندى، دەسلەپكى دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولى، 1- نومۇرلۇق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولى، 1- نومۇرلۇق ئاسما ۋاگونلار ئالدىن ئېچىۋېتىلدى، باشقا چاڭغا تېيىلىش يوللىرىمۇ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇنجى چاڭغا تېيىلىش باشلانغان كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، چاڭغا تېيىلىش بېلىتى باھاسىدا بىردەك %15 ئېتىبار بېرىلىدۇ. (مۇخبىر گو جۈنگې)