چاڭغا تېيىلىش يولى، توكلۇق يول يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، كېچىلىك مەيدانلارنى ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، دالىدا چاڭغا تېيىلىش بازىسى يېڭىدىن قۇرۇلدى، قار ئويناش تۈرلىرى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلدى... 2024- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا تېخىمۇ ياخشى چاڭغا تېيىلىش تەسىراتى بېغىشلاشقا تىرىشتى.
11- ئاينىڭ 16- كۈنى، يېڭى قار پەسلىدىكى تۇنجى چاڭغا تېيىلىش باشلانغان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.
يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى 2024- يىللىق قىزىق نۇقتىلىق قىشلىق ساياھەت مەنزىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2024- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك قوش كىشىلىك توكلۇق يول، چاڭغا تېيىلىش چەمبىرىكى، قار ئۈستى موتوسىكلىتى، قار ئۈستى تاختىلىق ۋېلىسىپىتى قاتارلىق نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش تۈرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى ھەمدە قار يولى ۋە كېچىلىك مەيدانلارنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بولۇپمۇ 80 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق شەرقىي رايون ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، قاتلاملار بويىچە تەسىس قىلىنغان مال سېتىۋېلىش، يېمەك- ئىچمەك، قونالغۇ قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەر ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى.
يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى ماركا مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جۇاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قار پەسلىدە كەڭ چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن تەخمىنەن 1000ى كۆپەيتىلىپلا قالماي، يەنە ھەممىسى ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى».
يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىغا ئانچە يىراق بولمىغان بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە لايىھەلەپ قۇرۇلغان 200 مولۇق بەييۈن دالىدا چاڭغا تېيىلىش بازىسى يېڭى قار پەسلىدىكى «مۇھىم جاي» بولۇپ قالدى.
بۇ يەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى كەسپىي دالىدا چاڭغا تېيىلىش بازىسى، شۇنداقلا دالىدا چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى ئۈچۈن ياسالغان دالىدا چاڭغا تېيىلىش مەشىق مەيدانى ۋە مۇسابىقە مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.
بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى سۈن يۈمياۋ مۇنداق دېدى: «بازىمىزدا دالىدا چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى بويىچە قوش قوغلىشىش مۇسابىقىسى، شەخسلەر ۋە كوللېكتىپ بويىچە قىسقا ئارىلىققا تېيىلىش، كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. 2025- يىلىنىڭ بېشىدا، يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش تۈرى ئۆتكۈزۈلىدۇ».
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى قار پەسلىدە، بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانى يەنە چاڭغا تېيىلىش ئايىغى، چاڭغا تېيىلىش تاختىسى قاتارلىق چاڭغا تېيىلىش سايمانلىرى ۋە قار ھاسىل قىلىش ماشىنىسى، قار چىڭداش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتتى ھەمدە دەسلەپكى دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن بىرنى، توكلۇق يولدىن ئىككىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە مەززىلىك تائاملارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ قار- مۇز ساياھەت ئېھتىياجىنى ئومۇميۈزلۈك قاندۇردى.
قار- مۇز ساياھىتى جانلىنىپ، نۇرغۇن يېڭى قار ئويناش ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ مەۋقەنى قار بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئېھتىياج يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، «قار» ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندۈرۈپ، «قار» ئەسلىھەلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، قىشلىق ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ھالىتىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، قار- مۇز ئىستېمالى تەسىراتىنى بېيىتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارىغا تونۇشلۇق بولغان ياڭگۇاڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، بۇ يىل كۈتۈۋېلىش زالىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ، ياڭگۇاڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى يېڭىدىن ياسالدى ھەمدە تاغلىق رېلىسلىق ئاپتوموبىل ۋە بىر قاتار يېڭى كۆڭۈل ئېچىش تۈرى كۆپەيتىلىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ چاڭغا تېيىلىش، قار ئويناش، قارنى تاماشا قىلىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى.
قار ھاسىل قىلىش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دۇجيا نەنسەن داجۇڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئەسلىدىكى بىر يۈرۈش دەسلەپكى دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولى ئاساسىدا، بۇ يىل ئوتتۇرا ۋە دەسلەپكى دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش يولىنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىرنى كۆپەيتتى ھەمدە بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان توكلۇق يول ۋە 200دىن ئارتۇق قار چەمبىرىكى، ئاتا- ئانىلار، بالىلار شادلىق باغچىسى قاتارلىق تۈرلەرنى كۆپەيتتى.
دۇجيا نەنسەن داجۇڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ دىرېكتورى ماقان ئابقان مۇنداق دېدى: «چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار توپىغا يۈزلەنگەن، ئاممىنىڭ قار- مۇز ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئاممىۋى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، بىر قاتار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تەدبىرى ئارقىلىق ساياھەتچىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەيمىز. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ». (مۇخبىر گو جۈنگې)