«كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ماڭا پۇل تېجەپ بەردى»
16:40:24 2024-11-19 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 11- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسى گاۋيازى چارۋىچىلىق مەيدانى خىزمەت پونكىتىنىڭ ئاھالىسى شى شېڭيۈ مۇنداق دېدى: «ئۆيدىكى كونا توڭلاتقۇنى بۇ يېڭى توڭلاتقۇغا ئالماشتۇرۇپ، 400 نەچچە يۈەن تېجەپ قالدىم، ھەقىقەتەن ئەرزان توختىدى».

 يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»، «كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاشقا دائىر بىرقانچە تەدبىر» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يولغا قويدى، بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان، 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

 كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سىجىل تۈرتكىسىدە، بۇ يىلقى «قوش 11»دا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمالدىكى ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان سۆزگە ئايلاندى. ئۈرۈمچى «قوش 11»دىكى ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە «تور ۋە تور سىرتىدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي دۇكان ۋە تور دۇكىنىدا تەڭ كۈچەش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئىستېمال بازىرىنى سىجىل گۈللەندۈردى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ھەرقايسى دۇكانلىرى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» بويىچە دۆلەت ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە شىنجاڭ ياردەم تولۇقلىمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىستېمالچىلارنى مول بولغان «قوش 11» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بىلەن تەمىنلىدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئاشتى.

 سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، تېخىمۇ كۆپ ئاھالە ئۆيىدىكى كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىلاشقا باشلىدى. داۋانچىڭ رايونىدىكى خەيئېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى لى جيې مۇنداق دېدى: «دۇكاندا خېرىدارلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئىستېمالچىلارغا نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، تىجارەتچىلەرگىمۇ ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كەلدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۇكىنىمىز يېقىندا يەنە يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللىشىغا سۇندى». ( مۇخبىر شى چۇەنجى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125