11- ئاينىڭ 15- كۈنى
چىرا ناھىيەسىدىكى چىلان سودا بازىرىدا
ئۇچىسىغا «چىلان جىلىتكە» كىيگەن بىر نەچچە شىنجاڭلىق ئايال
كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى
بۇ ئاياللار ئۇچىسىغا چىلاندىن ياسالغان جىلىتكىنى
كىيىۋالغان بولۇپ
رەڭگى ئوچۇق، چوڭ، توق چىلانلار
ئۇلارنى خۇشال كەيپىياتقا چۆمدۈرگەنىدى
تورداشلار بۇنداق ئۆزگىچە جىلىتكىلەرنى كۆرۈپ
بەس- بەستە باھا يازدى
ئىگىلىنىشىچە
بۇ قېتىمقى «جۇڭگو قىزىلى·چىرا چىلىنى» يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيىتى ھەم كەسىپ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى
نەق مەيدانىدا ساپ، تەبىئىي، يېشىل، بۇلغانمىغان سۈپەتلىك چىلاننى نەق مەيداندا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ
شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى سودىگەرلەرنى كىمئارتۇق قىلىپ بەس- بەستە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىپ
تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كوئىنلۇن تېغىنىڭ قار سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان خاس چىلانلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان
بۇنىڭدىن باشقا
نەق مەيداندا ئەڭ چوڭ، ئەڭ تاتلىق چىلان يېتىشتۈرۈپ چىققان چىلان پادىشاھى تېرىقچىلىق ئائىلىسى
ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلانغان
مۇشۇنداق ئەلا سۈپەتلىك چىلانلارنى كۆرۈپ
سىزنىڭمۇ سېتىۋالغىڭىز كېلىۋاتامدۇ
چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، كېلىشكەن يىگىت سۇلايمان@لاردىن ئومۇملاشتۇرۇلغان
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)