كونىسىنى يېڭىسىغا قانداق ئالماشتۇرغاندا تېخىمۇ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
18:27:52 2024-11-19 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

− ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يى ۋېيپىڭنى مەخسۇس زىيارەت

 ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىدا يېڭى ئاپتوموبىللار مەركەزلىك بازارغا سېلىندى، ئاپتوموبىل كۆرگىلى، سېتىۋالغىلى كېلىدىغانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى؛ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانىدا ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئىستېمالچىلاردا يېڭىلاش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى... ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى خۇددى كۈچلۈك شەرق شامىلىغا ئوخشاش، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ياردىمى، كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق ئىستېمال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

 ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ساقلانما مىقدار ئىچىدە ئېشىش مىقدارىنى قېزىشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە باش ئورۇنغا قويۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سىياسەت ئارقىلىق نەپ بېرىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «يېڭىلاش» سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

 11- ئاينىڭ 17- كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يى ۋېيپىڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر قاتار تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى.

 مۇخبىر: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش دائىرىسى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئىستېمالچىلار قانداق يوللار ئارقىلىق ياردەم پۇلىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟

 يى ۋېيپىڭ: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىستېمالنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. ھازىر ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش، ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش، 13 خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش (بۇنىڭ ئىچىدە توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇدىن ئىبارەت سەككىز خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالغانلار دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتۇڭ قاپقىقى، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن ئىبارەت بەش خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالغانلار ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ)نى، 49 تۈردىكى ئۆي بېزەش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكىلەر، ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلگەن تاۋارلارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى، شۇنداقلا توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشتىكى ياردەم پۇلىنى ۋېيشىن، جىفۇباۋ، دوۋيىن، يۈنشەنفۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش، دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندا ياردەم پۇلىنى يۈنشەنفۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان بەش تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغاندا ياردەم پۇلىنى تيەنيى جىفۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولىدۇ، 49 خىل ئۆي بېزەش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى تۈرىدىكىلەر، ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلگەن تاۋارلارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغاندا ياردەم پۇلىنى قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ تۇرمۇش App سۇپىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولىدۇ، توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالغاندا ياردەم پۇلىنى يۈنشەنفۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولىدۇ.

 مۇخبىر: ئىستېمالچىلار توردا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ياردەم پۇلىنى قانچىلىك ۋاقىتتا قولىغا ئالالايدۇ؟

 يى ۋېيپىڭ: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي ئېتىبار، پايدا يەتكۈزۈش كېرەك. بىز تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىرات دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. ئىستېمالچىلارنىڭ ماتېرىيالى تولۇق، ماتېرىيالنىڭ ئۆزگەرتىدىغان يېرى بولمىغان ئەھۋالدا، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاشقا ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن، ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە ياردەم پۇلىنى ئالالايدۇ؛ سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى ۋە توكلۇق ۋېلىسىپىتنى دۇكانغا كىرىپ سېتىۋالغاندا ياردەم پۇلىدىن نەق مەيداندا بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؛ بەش چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا ئىلتىماس سۇنۇپ ئىككى سائەت ئىچىدە ئىستېمال بېلىتىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 مۇخبىر: ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان سودىگەرلەر قانچىلىك؟ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمال بازىرىغا قانچىلىك تۈرتكە بولدى؟

 يى ۋېيپىڭ: ھازىر پۈتۈن شەھەردە جەمئىي 308 كارخانا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل كارخانىسى 172، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىسى 79 (219 دۇكان)، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى كارخانىسى 40 (186 دۇكان)، توكلۇق ۋېلىسىپىت كارخانىسى 17گە يەتتى. 11- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 420 مىليون يۈەنگە يەتتى.

 نۆۋەتتە، بىز كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىگە كارخانىلارنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى زورايتىۋاتىمىز.

 مۇخبىر: ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ قانداق قىلغاندا «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ؟

 يى ۋېيپىڭ: بىز ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بەش چوڭ تۈردىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك قايتا تەكشۈرۈشتە شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ شۇ كۈنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

 ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تۈرلۈك تەشۋىقات سۇپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانلىرى، ئاپتوموبىل 4S دۇكىنى، ئولتۇراق رايون تەشۋىقات تاختىسى، لىفىت قاتارلىقلارغا تەشۋىقات ئېلانى چاپلاشقا تەشكىللىدۇق ھەمدە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، كونا ئاپتوموبىللارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى قاتارلىقلارنى تەشكىللىدۇق.

 بىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 8865799- 0991نى تەسىس قىلدۇق، شۇنداقلا 12345تە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئىستېمالچىلارغا سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قىلدۇق.

 مۇخبىر: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قارىتا، كېيىنكى قەدەمدە قانداق پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار؟

 يى ۋېيپىڭ: ھازىر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا پايدىلىق بۇ ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش، ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بېكىتىلگەن سىياسەت- تەدبىرلەرنى سىجىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ جانىجان ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇھىم ئىستېمال نۇقتىلىرىدىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

 بىز كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى، مەھسۇلات كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ، سېتىش كارخانىلىرىنى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بىلەن سىياسەتنىڭ پايدىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قاتنىشىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىمىز.

 بىز يەنە «داڭلىق ماركا + ئىتتىپاقداش دۇكان» شەكلى بويىچە تىجارەت ئىناۋىتى ياخشى، يېتىشتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچى بار ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىقلاردا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغان كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ قاتنىشىش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىمىز. تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، ياخشى بازار كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرىمىز. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125